ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايدىكى سەرگۈزەشتلىرى ۋە چەتئەللىك گېن تەتقىقاتچىسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى 19-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر رادىيو پروگراممىسى تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكادىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنىدۇ ۋە خىتاي بىلەن گېن تەتقىقاتىدا ھەمكارلاشقان چەتئەللىك تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن يوشۇرۇن زىيىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ. 

«ئامېرىكالىقلار قانداق قىلىپ بىلىپ-بىلمەي خىتايدىكى نازارەتنىڭ كۈچىيىشىگە ھەمدەمدە بولۇپ قالىدۇ؟» ناملىق بۇ رادىيو پروگراممىسىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكى نۆۋەتتە ئامېرىكادا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان، ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىغا تەتىل ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قايتقاندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن 28 كۈن سولاپ قويۇلغان ئۇيغۇر ياش ئالىم(يالغان ئىسىم) نىڭ ھېكايىسى بىلەن باشلىنىدۇ. پروگرامما تۆۋەندىكىدەك داۋاملىشىدۇ:

ئىككى يىل ئىلگىرى ئالىم تەتىل ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتىش مەقسىتىدە ئامېرىكادىن ئۇيغۇر دىيارىغا قاراپ يولغا چىققان. ئايروپىلان مەنزىلگە قونۇشى بىلەنلا ساقچىلار ئۇنى ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈپ، تۆت سائەت ئۇنى ئاختۇرغان ۋە سوئال-سوراق ئېلىپ بارغان. تۆت سائەتتىن كېيىن ئۇنى «جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان» دېگەن نامدا تۇتقۇن قىلغان.

ئۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار ئۇنى «سالامەتلىك تەكشۈرتۈش» نامىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا قارىتا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. پروگرامما داۋامىدا مۇخبىر ئۇنىڭدىن «بۇ ھامىلىدار ئاياللارنى تەكشۈرگەندە ئىشلىتىلىدىغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ئۇلار بۇنداق ئۇسۇلدا سىزنىڭ نەرىڭىزنى تەكشۈرىدۇ؟» دەپ سورىغىنىدا، ئۇ «بەلكىم ئىچكى ئەزالىرىم بولۇشى مۇمكىن،» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئارقىدىنلا ساقچىلار ئالىمنى بىر ئۆيگە ئەكىرىپ، ئۇنىڭ ھەرخىل ھالەتتىكى يۈز شەكلى، چىراي ئىپادىسى قاتارلىقلارنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، ئىسمى ۋە كىملىك نومۇرى بىلەن بىللە بىر ساندۇققا سېلىپ قويغان. ھەتتا ئۇنى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بىر ئابزاسنى ئۈنلۈك ئوقۇتۇپ ئاۋازىنى ئۈنئالغۇغا ئېلىۋالغان. مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق توپلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان.

ئالىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ قان ئەۋرىشكىسى سېلىنغان ساندۇقتىن نەچچە يۈزلىگەن ئەۋرىشكىلىرىنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ئىسمى ۋە كىملىك نومۇرى بىلەن بىللە قويۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن.

دوختۇرخانىدىكى «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئاپىرىپ قويغان. ئالىم ئۇ يەردىكى كۈنلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىزىل تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆرۈش، كومپارتىيەنى مەدھىيلەش ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى قائىدە-تۈزۈملەرنى يادلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن.

شۇنداق قىلىپ ئالىم 28 كۈن خىتاينىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ياتقاندىن كېيىن، ساقچىلار تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا چىقىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇنى ئاڭلاپ ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقىدىغانلىقى، تەتىلنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ ئوقۇش باشلانغاندا ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى دېگەندەك بىر قاتار «شېرىن خىيال» لارنى سۈرگەن. ھالبۇكى رېئاللىق ئۇ ئويلىغاندەك بولمىغان.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇنى تۈرمىدىن چىقىرىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان. ئالىمنى ھەيران قالدۇرغان يېرى، ئولتۇراق بىنانىڭ ئىچى-سىرتى پۈتۈنلەي كۆزىتىش كامېرالىرى بىلەن قورشالغان، ئەتراپتا كۆپلىگەن ئاتالمىش «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» قۇرۇلغان، ھەتتاكى ئولتۇراق بىنانىڭ ئاستىدىكى يول بويىدا ساقچى ماشىنىسى توختىتىلغان. دەل مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئۇ ئۆزىنى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلغان.

ئالىمنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ بىر كۈنى دوستى بىلەن سودا-سارايغا كىرگەندە، ئۇلار ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا خىتاي كىملىكىنى سىكانىرلىغان. نۆۋەت ئالىمغا كەلگەندە ئۇ قەتئىي ئويلاپ باقمىغان بىر ھادىسە يۈز بەرگەن، ئۇ بولسىمۇ سىكانىرلاش ئۈسكۈنىسى سېرىق رەڭلىك سىگنالنى بەرگەن. بۇنى كۆرۈپ خىتاي ساقچىلار ئۇنى ئىشخانىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن بىر قىسىم سوئاللارنى سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆزىنىڭ مۇتلەق تۇتۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئالىم ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئىشخانىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئىشنى خاتا قىلغانلىقىنى سورىغىنىدا، ساقچىلار ئۇنىڭغا «سەن ئەڭ ياخشىسى تالا-تۈزگە چىقماي ئۆيۈڭدە ئولتۇر» دەپ ئۇنى يەتكۈزۈۋەتكەن.

شۇنىڭدىن كېيىن ئالىم ئۆزىنىڭ كىملىك كىنىشكىسىدا قانداق مەسىلە بارلىقى ھەققىدە كۆپ ئويلانغان. بىر كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان بىر دوستى قول تېلېفونىدىكى مەلۇم بىر يۇمتال ئارقىلىق ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بەرگەن. نەتىجىدە شۇ ئايدىڭ بولدىكى، ساقچى پونكىتىدا سايرىغان سېرىق رەڭلىك بەلگە بەرگەن سىگنال ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىدىغان بىر بەلگىسى ئىكەن. ئالىمغا ئۇ دوستىنىڭ دەپ بېرىشىچە، سېرىق بەلگە قويۇلغان كىشىلەر چەتئەلگە چىقالمايدىكەن.

تەتىل ئاخىرلىشىپ يېڭى مەۋسۇم باشلىنىشقا يېقىن قالغاندا بۇ «شۇم خەۋەر» نى ئاڭلىغان ئالىم قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھېچقانداق ئىشنى بىلمىگەن قىياپەتتە ئامېرىكىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىۋالغان. ماڭىدىغان كۈنى ئۇ خىتاي چېگراسىدىن چىقىۋاتقاندا، مۇناسىۋەتلىك خادىملار تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان ۋە تۆت سائەت سوئال-سوراققا ئۇچرىغان ۋە ئايروپىلانغا چىقالمىغان.

ساقچىلار ئۇنىڭغا ئەتىسى قايتا كېلىشىنى ئېيتقان. «بەلكىم ساقچىلارنىڭ ئىدىيەسى ئۆزگىرىپ قېلىپ مېنى ئامېرىكىغا يولغا سېلىۋەتسە ئەجەب ئەمەس» دېگەندەك خىياللارنى كۆڭلىگە پۈككەن ئالىم ئەتىسى ئايرودرومغا ئەسلى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن خېلى بۇرۇن كەلگەن. قىسقا مۇددەتلىك سوراققا تارتىشتىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنى ئايروپىلانغا چىققىلى قويغان.

مەزكۇر رادىيو پروگراممىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش ۋە ئۇنى خىتاي پۇقرالىرىدىن پەرقلەندۈرۈشتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن «يېل ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ گېن تەتقىقاتچىسى كەننىس كىد بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ.

كەننىس كىد 2010-يىلى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن ئۇ مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خىتاي تەتقىقاتچى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ خىتاي كەننىس كىدقا ئۆزىنىڭ گېن تەتقىقات ساھەسىگە قىزىقىدىغانلىقىنى ھەمدە خىتايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى ئىشلىتىش ئىمتىيازىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىش تەكلىپىنى سۇنىدۇ.

كەننىس كىد بۇ تەكلىپكە دەرھاللا قوشۇلىدۇ ۋە ئۇ خىتاي تەتقىقاتچىنى «يېل ئۇنىۋېرسىتېتى» دىكى تەجرىبىخانىسىغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر يىلغا داۋاملاشقان ھەمكارلىقىدا خىتاي تەتقىقاتچى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ، يەنى خىتاي نىشان قىلغان ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

سۆھبەت جەريانىدا مۇخبىر ۋە كەننىس كىدنىڭ دىيالوگى تۆۋەندىكىدەك داۋاملىشىدۇ:

مۇخبىر: سىز ئۆزىڭىزنى ھېچنېمىنى خاتا قىلمىدىم، دەپ ئويلامسىز؟

كەننىس كىد: مەن ھېچنېمىنى خاتا قىلمىدىم.

مۇخبىر: نۆۋەتتە بىز ھەممىمىز بۇ مىللەتلەرنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنىڭ شۇ كىشىنىڭ ماقۇللۇقىسىز ئېلىنغانلىقىنى بىلىمىز.

كەننىس كىد: ئۇ خىتاي تەتقىقاتچى ماڭا بۇ ئەۋرىشكىلەرنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يىغىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مۇخبىر: سىز بۇ ھەقتە ئۇ خىتاي تەتقىقاتچىغا سوئالمۇ قويماپسىزدە؟

كەننىس كىد: مەن نېمىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا سوئال قويىمەن؟

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھادىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كەننىس كىد پەقەت خىتاي تەتقىقاتچى تەمىنلىگەن گېن ئەۋرىشكىسىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىن باشقا، خىتاينى ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى ئىرسىيەت ئەۋرىشكىسى بىلەنمۇ تەمىنلىگەن ئىكەن.

مۇخبىر: نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقۇن قاتتىق قول سىياسىتى ھەققىدە سىزنىڭ ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىڭىزگە ئاساسەن، سىز ھەقىقەتەن بۇ گېن ئەۋرىشكىلەرنىڭ ئۇ خىتاي تەتقىقاتچى ئېيتقىنىدەك ئەۋرىشكە ئىگىلىرىنىڭ ئىجازىتىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يىغىلغان دېگەن، گەپكە ئىشىنەمسىز؟

كەننىس كىد: مەن بۇ گەپكە مۇتلەق ئىشىنىمەن دېيەلمەيمەن، بىراق يەنە بىر جەھەتتىن تولۇق ئىشەنمەسلىكىممۇ مۇمكىن ئەمەس. مەن كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمەن.

كەننىس كىدنىڭ ئەيىبلىگۈچىلىرى ئۇنىڭ خىتاي بىلەن گېن تەتقىقاتى جەھەتتىن ھەمكارلىشىش بىلەن بىرگە، خىتايغا بىر ئادەمنىڭ ئۇيغۇر ياكى ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئۈسكىنىنى قولغا چۈشۈرۈشىگە ياردەم بەرگەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن.

مۇخبىر: ئۇنداقتا سىز خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا سىز تەمىنلىگەن ئىرسىيەت ئەۋرىشكىسىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش ھەققىدە سۆز قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟

كەننىس كىد: قىلدىم.

مۇخبىر: ئۇلار توختىتىمىز دېدىمۇ؟

كەننىس كىد: ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمگە جاۋاب قايتۇرمىدى.

پروگرامما ئاخىرىدا مۇخبىر ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئالىمدىن كەننىس كىدنىڭ بۇ قىلمىشىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىدا، ئالىم جاۋابەن: «ئادەم بولغان ئىكەن، خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. بىراق ئۇنىڭ قىلغانلىرى مېنى يەنىلا قاتتىق غەزەبلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ قىلغان غايەت زور تەتقىقاتى ۋە شۇ تەتقىقاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن يوشۇرۇن زىيىنىغا نىسبەتەن مېنىڭ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشىم بەسىي مۈشكۈل بىر ئىش،» دەيدۇ.

يېقىندىن بۇيان گېن تەتقىقاتى ھەققىدە توختىماي ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە ۋە دوكلاتلار، شۇنىڭدەك ئالىمنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى كىشىلەرگە «گېن تەتقىقاتى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە بىر سوئالنى پەيدا قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا گېن تەتقىقاتى دېگەن زادى قانداق بىر تەتقىقات؟ ئۇ نورمالدا نېمىلەرگە چېتىلىدۇ؟

ئىلگىرى ياپونىيەدە ئۈچەي راكىنىڭ گېنىنى تەتقىق قىلىشتا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن سابىق تاشقى بۆلۈم دوختۇرى، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گېن تەكشۈرۈش بىر ئادەمنىڭ شەخسىيىتىگە بېرىپ تاقىلىدىغان بولغاچقا، بۇ ھەقتە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۆز تەتقىقاتىنى چوقۇم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا بويسۇنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىشى شەرت ئىكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن باشلانغان زور كۆلەملىك تۇتقۇندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى ئاتالمىش «سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش» نامىدا مەجبۇرىي ئېلىشقا قاراپ يۈزلەنگەنىدى. ھالبۇكى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان دەلىل-ئىسپاتلاردىن بۇ ئىشلارنىڭ پۈتۈنلەي چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تېخنىكا بىلەن تەمىنلىشى نەتىجىسىدە ئېلىپ بېرىلىشى دۇنيا جامائىتىنى چۆچۈتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، گېن بىر ئادەمنىڭ بارلىق شەخسىي ئۇچۇرىنى ساقلايدىغان بىر مەخپىي ئامبار بولۇپ، ئەگەر بۇ ئامبار ئاشكارىلىنىپ كەتسە، ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ھادىسىسىنى تەھلىل قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىر مىللەتنىڭ گېنىدا ئورتاقلىق بولىدىكەن. ئەگەر بۇ ئورتاقلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا، بىر مىللەتكە قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلالايدىغان دورىلارنىمۇ ياساپ چىققىلى بولىدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقىنىمۇ دەل «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەن.