دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» باشلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىۋاتقاندا جاي-جايلاردىكى ئاۋام خەلقنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. فىلادىلفىيە شەھىرىدىكى يەھۇدىي ياشلىرىدىن مەت تاكېر ئۇيۇشتۇرغان «ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

مەت تاكېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر دۇنياۋى كۆلەملىك ھەرىكەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر ساھەدىكى ئاددىي شەھەر خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش نىشان قىلىنغان ئىكەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ئالدىدا بۇنى ئاڭلىغان ھەممىلا كىشىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. 

«بۇنىڭدىن ئىككى ئايچە ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپتىم. شۇ ۋاقىتتىمۇ بۇ توغرىلىق كۆپ مەلۇماتلىق ئەمەس ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن 15-ئىيۇن كۈنى فىلادىلفىيە شەھىرىدە كىچىك كۆلەمدە بىر نامايىش ئۇيۇشتۇردۇم. شۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلار مەن ھاياتىمدا كۆرگەن ئەڭ ئېسىل، ئاجايىپ ئاقكۆڭۈل ئىنسانلار ئىكەن. شۇلاردىن ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ھەمدە دوستلىرىغا ھەتتا تېلېفونمۇ قىلالمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بەكمۇ غەزەپلەندىم. شۇنىڭ بىلەن مەن باشقىچە بىر نامايىش پائالىيىتى تەشكىللەيچۇ، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى بىز بۇ خىلدىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكىلى 70 يىلدىن ئاشتى. 1930-يىللىرىدىن باشلاپ گىتلېر گېرمانىيەسىنى بۇ ئىشلارنى قىلغان. شۇ ۋاقىتتىمۇ دۇنيا پۇلغا دۈم چۈشۈپ، گېرمانىيە بىلەن ئۆز سودىسىنى داۋام قىلىۋەرگەن. شۇڭا مەن ‹ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى› نى باشلىدىم. ھازىر بۇنى بوستوندا مايسەم داۋام قىلىۋاتىدۇ، ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردىمۇ بۇنى باشلىغانلار بار. قىسقىسى، نېمىشقا بۇ باشلىغان دېسىڭىز، ھازىر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدا ھاسىل بولغان دۇنيا تەرتىۋىگە 20-ئەسىردىكى رەزىل ۋە ئىپلاس ھادىسىلەر قايتىدىن سۇقۇنۇپ كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ.»

مەت تاكىرنىڭ باشلامچىلىقىدا 21-ئىيۇل كۈنى ئوخشاش بولمىغان بىرنەچچە چوڭ شەھەردە تەڭلا ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان بولۇپ، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 21-ئىيۇل كۈنى چۈشتە ۋاشىنگتون شەھىرىدە ۋۇجۇدقا چىقتى. بۇ كۈنكى پائالىيەت ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ كېلىدىغان لىنكولن خاتىرە سارىيى ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خاتىرە ساراي ئالدىدىكى يول بويىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ جانلىق تەسۋىرى بولغان لاگېرلار، تۇتقۇن، ئائىلىۋى جۇدالىق قاتارلىق تېمىلار بويىچە تەييارلانغان ھەقىقىي سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى قاتار تىزىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور تۇتقۇن پائالىيىتىدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە سۈرەتلىرى بولسا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قانداق بىر زور كرىزىسقا پېتىپ قېلىۋاتقانلىقىنى جانلىق نامايان قىلىپ بەرمەكتە ئىدى. ۋاشىنگتون شەھىرىدە كەم كۆرۈلىدىغان پەۋقۇلئاددە ئىسسىققا قارىماستىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈن-تىنسىز رەۋىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسىنى ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ نەزىرىگە سۇنماقتا ئىدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللەشكە يېقىندىن ياردەمدە بولغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن تۇمارىس ئالماس پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۈگۈننىڭ ئۆزىدە ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون، بوستون، فىلادىلفىيە ۋە سان-فرانسىسكو قاتارلىق تۆت شەھەردە «ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» پائالىيىتىنىڭ تەڭلا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن روشەن ئابباسمۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» ئارقىلىق ئالدى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئاۋامغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يۈزەكى بولسىمۇ بىر چۈشەنچە بېرىش نىشان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر پائالىيەتتە لىنكولن خاتىرە سارىيىنىڭ قائىدىسىگە رىئايە قىلىنىپ شوئار توۋلانمىدى، سەپ بولۇپ نامايىش قىلىنمىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ خىلدىكى «سۈكۈت» شەكلىنى ئالغان پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇنىڭمۇ داۋا يولىدىكى بىر ۋاسىتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئالايىتەن بالتىمور شەھىرىدىن كەلگەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىدىن ئىلشات ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن كېلىۋاتقاندا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشنى ئۆزىگە مەجبۇرىيەت دەپ قارىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«مەن بۈگۈن بۇ يەرگە ئۇيغۇر خەلقىمنى قوللاشقا كەلدىم. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى بىر كۈرەش. ھازىر ئۇيغۇرلار ۋە باشقا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ناھايىتى چوڭ بىر تىراگېدىيەگە دۇچ كەلمەكتە. مۇنداقچە دېگەندە بىز 21-ئەسىردە تۇرۇپ بىر چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتىمىز. شۇڭا بۇ ئەھۋاللارنى دۇنياغا بىلدۈرۈشىمىز لازىم. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ب د ت غا ئوخشاش تەشكىلاتلاردىن ياردەم سوراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەمگە ۋە قوللاشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشىمىز لازىم. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىم.»

«ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» گە يېقىندىن ئاۋاز قوشقانلارنىڭ بىرى قاتارىدا پولشانىڭ پوزنان شەھىرىدە يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىۋاتقان مارتىينا كوكوتكىۋىچنى كۆرسىتىش مۇمكىن. شۇ جايدىكى بىر مەكتەپتە فىنلاند ۋە ۋېنگىر تىللىرىدىن دەرس بېرىۋاتقان مارتىينا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن «ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» گە ئاۋاز قوشقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، شۇ جايدىكى ئاۋام خەلققە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىمغا تۈرتكە بولغان بىرنەچچە سەۋەبتىن بۇ پائالىيەتنى مېنىڭ شەخسىي ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەتتى، دېسەممۇ بولىدۇ. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام مەن ساپ پولشا نەسلىدىن، دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن. ئەمما ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھادىسىلەر مەن ئۈچۈن خۇددى بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتكە ئوخشاپ قالدى. بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبى، مەن مۇسۇلمان. بۇ مەن ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مەن ئەڭ دەسلەپ تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى تەتقىق قىلىشقا قىزىقىپ كېتىپ كېيىنچە مۇسۇلمان بولدۇم. شۇڭا دىنىي نۇقتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئە مېنىڭ يۈرىكىمنى ئەزدى. ئىككىنچىدىن مېنىڭ تەتقىقات دائىرەم مۇشۇ ھادىسىلەرگە چېتىلىدۇ. شۇڭا مەن بۇ پائالىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى پولشادا ئاۋام خەلق بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز. مەن بۇلارنى فېيسبوك ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا چىقارسام بۇ خۇددى شۇنچە كۆپ كىشىلەر بىلەن مۇشۇ تېمىدا پاراڭلاشقاندەك بولىدىكەنمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، «ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» 21-ئىيۇل كۈنى يەنە نورۋېگىيە، ياپونىيە، گوللاندىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ تەڭلا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئەمەلىي پائالىيەت بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ فېيسبوك سەھىپىلىرىنىڭ باش سۈرىتىنى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قوللىشىنى ئىپادىلىگەن.