د ئۇ ق رەھبەرلىرى خىتاينىڭ «ئاق تاشلىق كىتابى» غا رەددىيە قايتۇردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان «ئاق تاشلىق كىتابى» تۈرلۈك رەددىيەلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

22-ئىيۇل كۈنى خىتاي ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى «ئاق تاشلىق كىتاب» غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت شۇ كۈنى «مەركىزى ئاگېنتلىق» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينى «تارىخنى بۇرمىلاش، ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. بۈگۈن د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، ئەركىن ئەكرەم ۋە پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ «ئاق تاشلىق كىتابى» غا قارىتا رەددىيەلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

خىتاينىڭ «ئاق تاشلىق كىتابى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئەمەسلىكى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپلا خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقى، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى دىنى ئەمەس، بەلكى تارىختا ئەرەب ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن قورال كۈچى بىلەن زورلاپ تېڭىلغان دىن ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان دەيدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېتنىك قىرغىنچىلىق، مەدەنىيەت دەپسەندىچىلىكى، خىتايلاشتۇرۇش زوراۋانلىقى سىياسىتىنى يۈرگۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان خەلقئارالىق ھېسداشلىقلارنى تۈگىتىش، ئۇيغۇر مىللىتىنى تامامەن يوقىتىش نىيىتىدە تەشۋىقات تاجاۋۇزچىلىقى ئۇرۇشىنى تەڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «خىتاينىڭ شىنجاڭ 2000 يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تېڭىلغان، ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ دۆلەت بولغان ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىنىڭ تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئالاقىسى يوق. . . دېگەندەك سەپسەتىلەرنى بۈگۈنكى كۈندە قايتا بازارغا سېلىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟» دېگەن سوئالغا قارىتا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش قىلمىشلىرىنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇتلۇقىنى، خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان ئاتالمىش «ئاق تاشلىق كىتاب» لىرىنىڭ ھېچ بىرىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

خىتاينىڭ بۇ «ئاق تاشلىق كىتابى» 22-ئىيۇل ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تۈرلۈك قارشى ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماستىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن يەنە كۆپلىگەن رەددىيەلەر ئېلان قىلىندى. بۇ رەددىيەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىنىڭ خىتاي بىلەن ئەزەلدىن ھېچ بىر ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك قان سىستېمىسىغا تەۋە بىر مىللەت بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ 10-ئەسىردە ئىسلامنى ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلغانلىقى ھەمدە مىڭ يىلدىن ئارتۇق بىر زامان بۇ دىندا ياشاپ كەلگەنلىكى قاتارلىقلارغا دائىر تۈرلۈك پاكىتلىق مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان ئىدى.