ئۇيغۇر مەسىلىسىگە «ئارىلاشقان» ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ زەردىسىنى ئۆرلەتكەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمەت تارارتقۇلىرى يېقىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيونىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، «ئۇ يالغان سەپسەتەلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ، ئۇ بىر قەلبى ئۆچمەنلىككە تولغان ھۇرراچىلارنىڭ باشلامچىسى» دېگەن. يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ خىلدىكى «تىل ئۇرۇشى» قايناپ كەتكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 27-ئىيۇندىكى سانىدا گەرري شىھنىڭ «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭ مايك پومپيوغا شالىنى چېچىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مايك پومپيوغا قانداق «ھۇجۇم» قىلىۋاتقانلىقى تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىنغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قىيىن-قىستاققا ئېلىۋاتقانلىقىنى «يىرگىنچلىك قىلمىش» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا بېسىلغان خەۋەر-ماقالىلەرلەردە «مايك پومپېيونىڭ گەپلىرى بىر تەرەپلىمىلىككە تولغان، ئۇ جۇڭگوغا بولغان ئۆچمەنلىكىدىن مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ» دەپ ھۇجۇم قىلىنغان. ئانالىزچىلار خىتاي تەرەپنىڭ مايك پومپيونىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاغزىنى يۇمدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا «قايتۇرما زەربە» بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

گەررىي شېھنىڭ ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى شۇنداقلا ئامېرىكادىكى خىتاي جاسۇسلىرى قاتارلىق تېمىلاردا خىتاينى ئىزچىل ئەيىبلىگەن. بۇ خىتاينىڭ «ئېچىشقان يېرىگە تۇز سەپكەن» دەك ئىش بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاساسلىق «ھۇجۇم نىشانى» غا ئايلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مايك پومپيوغا قىلغان «ھۇجۇمى» خىتاي ئىچىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىغىچە كېڭەيگەن. ماقالىدىن شۇ نۇقتا مەلۇم بولدىكى، خىتاينىڭ «كەچلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسىدا رىياسەتچى «مايك پومپيونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقىغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىگە دۇنيا چوقۇم ھوشيار بولۇشى كېرەك، پۈتۈن دۇنيادىكى دىپلوماتلار ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا پەرۋا قىلماسلىقى ۋە ئۇنى تىنچىتىشى زۆرۈر،» دەپ ئۇنىڭغا «شالى» نى چاچقان.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك قىلمىشلىرىنى تەھلىل قىلىپ، بۇنىڭ دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ پرىنسىپىغا چۈشمەيدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى تاشقى سىياسەت نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 21-ئەسىردە «مىللىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ يالغانچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرىگە سەت تىللار بىلەن ھۇجۇم قىلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىكەن.

بىر نەچچە ھەپتە ئاۋۋال ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش قىلمىشلىرى توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىگە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ خەنخۇي باھا بېرىپ، «دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى بىر ياقلىق قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىدلىمەكچى بولغانلار سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ قەبرىلىرىدىن ئۆمىلەپ چىققان مۇردىلاردۇر. ئۇلار ھېچقاچان يالغان-ياۋىداق گەپلەرگە پوش دەپ باقمىغان،» دېگەن ئىدى.

بۇ قېتىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ «ئامېرىكادىكى بەزى سىياسەتچىلەر يانچۇقىغا ھەردائىم خىتايغا تۆھمەت چاپلاش ھەققىدىكى خەت يېزىلغان ئوخشاش ۋاراقچىنى سېلىۋېلىپ پۈتۈن دۇنيادا ‹سەييارە ئويۇن› قويۇۋاتىدۇ ھەم بۇ ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا ‹ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىۋاتىدۇ›،» دېگەن ئىدى ۋە بۇ ئارقىلىق مايك پومپېيونى ئىشارە قىلغان.

ئىلگىرىكى پروگراممىلىرىمىزدا مۇھاجىرەتتىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا دۆلەت ئىچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىزچىل ئىنكاسسىز تۇرۇۋېلىش ھادىسىسىنى تەھلىل قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە يانتاياق بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە يۇقىرىقى نۇقتا يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. يەنى خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى شى يىنخوڭ «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس جۇڭگو ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىككى سىياسەتچىدۇر، بۇنىسى ئېنىق. مايك پومپېيو جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭ سىياسىتى، ‹تىيەنئەنمېن نامايىشى› نى ‹ئۆكتەملىك› ۋە ‹قوپاللىق› بىلەن ئەيىبلىدى،» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ھەرقانداق دۆلەتنى «دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن ئاۋۋال ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» دا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى مەسىلىلەر خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى،» دەپ ئەيىبلىدى. ئانالىزچىلار «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىممۇ يەنە شۇنى سەۋەب قىلىپ، مايك پومپېيونى ئەيىبلىمەكتە،» دېيىشمەكتە.

ئۇنداقتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» ھېسابلىنامدۇ؟ نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارادا ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ۋاقىتتا دائىم مۇشۇ ئاتالغۇنى باھانە قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئاللىقاچان «ئىچكى ئىشلار» ئۇقۇمىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

ئۇنداقتا، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى مۇمكىن؟ ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورناتقان بەزى دۆلەتلەر گەرچە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كۆرۈنۈشتە خىتاي بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يەنىلا بۇ مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.