ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان «ئۆزگىچە تۈرمە» تېمىسىدىكى يىغىننىڭ مۇلاھىزىلىرى (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

27-ئىيۇن كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» (CSIS) دە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۆزگىچە تۈرمە: شىنجاڭدىكى زور كۆلەملىك نازارەت ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋىي تەسىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىنغان مۇھىم  تېمىلارنىڭ بىرى لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى قانداق دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشى بولدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى ئەمىي لېر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مايك گاللگېرنىڭ سىكايپ ئارقىلىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلىقىغا ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن يىغىننىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئېمىلىي راۋخالاغا سۆز نۆۋىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدا مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىنىڭ دەل ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتى باشلىنىۋاتقان 2014-يىلىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەسلەتكەچ، ئۇنىڭ بۇ جەرياندا كۆرگەنلىرىنى سورىدى.

ئېمىلىي راۋخالا سۆز ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆرگەنلىرىنىڭ ئۆتكەنكى تارىخي باسقۇچلارغا ئوخشاش «زور كۈچلەرنىڭ رىقابەتلىشىش» ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇ جايدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىلا تولىمۇ  ئۆتكۈر ۋە جىددىي بىر تەرەققىياتتىن بىشارەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

«شىنجاڭدا بولۇۋاتقان بۇ ئىشلار ئەمىلىيەتتە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تەدرىجى داۋام قىلىپ يۇقۇرى پەللىگە چىقىشقا يۈز تۇتقان ئىشلاردۇر. مەن ئۇ يەرگە 2014-يىلى بارغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردا كونىچە شەكىلدىكى نازارەت ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان ئىكەن. گەرچە ئۇنىڭدا يۇقۇرى پەن-تېخنىكىنىڭ تەدبىقلىنىشى يوق دېيەرلىك بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلىشنى ئاللىقاچان باشلاپ بولغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتلاردا، يەنى 2014-يىلى مەن ئاممىباپ ناخشا ساھەسىدە تازا داڭ چىقىرىۋاتقان بىر ئۇيغۇر چولپان ھەققىدە بىر نەرسە يېزىش ئۈچۈن خوتەنگە بارغان ئىدىم. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردىلا ئارقىمىزغا ماشىنا چۈشۈۋېلىپ زادىلا ئىش قىلدۇرمىدى. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردىلا قارىساق خىتاي دائىرىلىرى خالىغانچە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئۈسۈپ كىرىپ ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى توغرىلاش، كىشىلەرنىڭ نېمىگە ئېتىقاد قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىشنى باشلاپ بولغان ئىكەن. بىز بۇ خىلدىكى مەدەنىيەتكە قارشى جەڭنى ھەمدە كۈچىيىۋاتقان نازارەتنى بەكمۇ روشەن ھېس قىلغان ئىدۇق.»

ئېمىلىينىڭ كەچۈرمىشلىرى بىۋاستە ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە نازارەتنىڭ بىر-ئىككى يىل ئىچىدىلا چاقماق تېزلىكىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن. ئەمما بىر مۇخبىر بولۇش سۈپىتىدە ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنياغا ئېيتالمىغان.

2016-يىلى ئۇ جايغا قايتا باردىم. يېنىمىزدا ئولتۇرغان نۇرىينىڭ يۇرتى قەشقەردە  خەۋەر ئىشلەش ئۈچۈن سىرتقا چىققىنىمىزدا نازارەت دېگەننىڭ چېكىگە  يەتكەنلىكىنى كۆردۇق. ئارقىمىزغا كىرىۋالغان ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن بىرەر ئادەمنىمۇ زىيارەت قىلغىلى بولمىدى. بۇ تېخى بىرنەچچە يىللار ئىلگىرىكى ئىشلار. ئەمدى ھازىرقى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق بۇ ئىشلارنىڭ نەچچە ھەسسە  ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى، نازارەت دېگەننىڭ ھازىر ھارغىچە بىر يەرگە بارغانلىقىنى بايقايمىز. گەپ بۇ يەردە مۇخبىرلارنىڭ قانداق ئاۋارىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئەمەس، بەلكى بولۇۋاتقان ئىشلارنى قانداق چۈشىنىشتە.  مانا ئەمدىلىكتە ئالدىمىزدا شۇنچە كۆپ سۈنئى ھەمرا سۈرەتلىرى ۋە تەشۋىقات سۈرەتلىرى تۇرۇپتۇ. ئەمدى بۇ ئىشلار قانداق بولۇپ مۇشۇنچە دەرىجىگە بېرىپ يەتكىچىمۇ دۇنيا بۇ ئىشلارغا بىپەرۋا قاراپ قالدى، دەپ سوئال قويساق، بۇنىڭدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەپ دەل خىتاي كومپارتىيەسى. ئۇلار بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك يوسۇندا كونترول قىلىپ كەلدى ھەمدە مۇشۇ خىل يىرگىنىچلىك قىلمىشلارنى شۇنچە يىرگىنچلىك دەرىجىگىچە ئوڭۇشلۇق داۋام ئەتتۈرۈپ كەلدى.»

يىغىندىكى يەنە بىر مۇتەخەسسىس كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون ئىدى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ   ئۆتكەن 25 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مىللىي كەمسىتىش قىلمىشلىرى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ كەلگەنلىكىنى، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىلگەنلەر ھەققىدە مەلۇماتلار توپلىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ ھازىرقى خىزمەت يۆنىلىشىنىڭ دەل مۇشۇ خىل نازارەت سىستېمىسى ھەققىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

« بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتنى ئالدىن پەرەز قىلىش قىلمىشى ھەققىدە ئىشلەۋاتقىنىمىزدا <ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى> ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قولىمىزغا چۈشتى. بىز دەسلەپ بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تازا بىلەلمەي يۈردۇق. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا بىز زىيارەت قىلغان بىرنەچچە سابىق تۇتقۇن كېلىشىۋالغاندەكلا ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى سوراق قىلغاندا ئاللىقاچان خاتىرىلىنىپ بولغان ئۇچۇرلارنى ئالدىغا قويغانلىقىنى، بولۇپمۇ تېلېفون ۋە ئۈندىدار قاتارلىقلاردىن توپلانغان ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەق قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن بىز بۇنىڭ <ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى> ناملىق ئەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شۇنداقلا بۇ ئەپنىڭ تورلاردا ئاشكار تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. بىز بۇ ئەپنى توردىن چۈشۈرۈپ، گېرمانىيەدىكى بىر شىركەتكە يەشكۈزۈپ كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەپنىڭ ئەمىلىيەتتە بىرنەچچە خىل كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا باغلانغان <مەركىزىي مېڭە> ئىكەنلىكىنى، بارلىق كۆزىتىش كامېرالىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن تارتىپ شۇ كىشىنىڭ كىملىك كارتىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگىچە بولغان بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان يوللاردىن مۇشۇ <مەركەز>گە توپلىنىدىغانلىقى، بۇ <مەركەز> ئۆزىگە توپلانغان ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك ھالدا تەھلىل قىلىپ، كىمنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ساقچى تەرەپكە ئاپتوماتىك ئۇچۇر يوللايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ <مەركەز>گە خىتاي دائىرىلىرى <گۇمانلىق> دەپ قارايدىغان بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ كود نومۇرى كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايقىدۇق. چاتاق يېرى شۇكى، <گۇمانلىق>دەپ قارالغان بۇ ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نورمال ۋە قانۇنلۇق بولغان ھادىسىلەردۇر. بۇنداق   <گۇمانلىق> ئىشلاردىن 36 خىلى بار ئىكەن، مەسىلەن، بىر كىشى ھۆكۈمەت چېكىت ئۇرۇپ قويغان 50 نەچچە خىل تېلېفون ئەپلىرىنىڭ بىرەرىنى يانفونىغا چۈشۈرگەنلا بولسا شۇ كىشىنىڭ ئۇچۇرى ئاپتوماتىك ھالدا <گۇمانلىق> دەپ ساقچىلارغا مەلۇم بولىدىكەن ھەمدە ساقچىلار بۇ ئادەمنى دەرھاللا قولغا ئالالايدىكەن. »

يىغىندا «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كوك ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى نازارەت ۋە كونتروللۇق ھەققىدە باشقىچىرەك قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئۇسۇللىرى ھازىر خىتايدىن ھالقىپ دۇنياغا كۆپلەپ يېيىلماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ بۇ ھال ئۈندىداردا ئەڭ ئېغىر ئىكەن.

«چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەنلەر دۇچ كېلىدىغان ئىشلارنى ئېلىپ ئېيتساق ئۇلارنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى كىشىلەرنى نازارەت قىلىشى، بولۇپمۇ ئۆكتىچىلەرنى ۋە خىتاي بولمىغان كىشىلەرنى ئىز قوغلىشى توختاپ قالغىنى يوق. يەنە بىرى خىتاي ھازىر بۇ خىل نازارەت تېخنىكىلىرىنى ۋە ئۇسۇللىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىۋاتىدۇ. ئەركىنلىك سارىيى ئىزچىل دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تور ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى باھالاپ كېلىۋاتىدۇ. 2018-يىلىدىكى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق تور ئەركىنلىكىدىكى يامانلىشىشتا خىتاينىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايقايمىز. ھازىر خىتاي بۇ خىلدىكى ئۆكتىچىلەرنى ۋە <ياتلار> نى نازارەت قىلىدىغان ئۇسۇل ۋە تېخنىكىلارنى دۇنياغا كېڭەيتىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلار بىر بولسا بۇ تېخنىكىلارنى بىۋاستە ئېكىسپورت قىلىۋاتىدۇ، بىر بولسا شۇ دۆلەتلەردىكى خادىملارنى خىتايغا ئاپىرىپ تەربىيەلەۋاتىدۇ. ھازىر 36 دۆلەت ئاشۇنداق قىلىۋاتىدۇ. بىز كۆزىتىۋاتقان 65 دۆلەتتىن 18 دۆلەت دەل مۇشۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنى خىتايدىن سېتىۋالغان. ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتايدىن مۇشۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنى سېتىۋالغان سربىيە ۋە تاجىكىستان قاتارلىقلارنى تېخى بۇ دۆلەتلەر قاتارىغا تىزمىدۇق.»

يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرى، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، ئادۋۇكات نۇرى تۈركەلمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر قىلىپ،  خىتاينىڭ چەتئەللەرگە سوزۇلغان نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە چۈشەنچە بەردى.

«ئامېرىكادا بىر يېرىم مىڭدىن بەش مىڭغىچە ئۇيغۇر ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن مەنمۇ خىتايدىن ئايرىلغاندا ئەمدى بۇ زۇلۇملاردىن خالاس بولدۇق، دەپ ئويلىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرى ۋە ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشى ھازىرغىچە بىزدىن نېرى كەتمەيۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ بىزنىڭ ئاساسىي قانۇن ئاتا قىلغان ھەقلىرىمىز، بولۇپمۇ سۆز ئەركىنلىكىمىز ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تولىمۇ قەبىھ ،سىستېمىلىق، ئۇزۇن مەزگىللىك بىر قاتار ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ھال ھازىر دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەدبىقلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشلارغا قىستاش قىلمىشى ماھىيەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سېلىش قىلمىشىدۇر. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل پاراكەندىچىلىكىنى تۆت خىل تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ: بىرىنچى، ئۈندىدار، ئېلخەت، ھەتتا بىۋاستە تېلېفون ئۇرۇش دېگەندەك شەكىلدە ئۇيغۇرلارغا بىۋاستە تەھدىت سېلىش ھەمدە <كۆتۈڭنى قىسىپ، سىڭگەن نېنىڭنى يە> دېگەندەك بۇيرۇقلار بىلەن قورقۇتۇش؛ ئىككىنچى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇس بولۇشقا قىستاش؛ ئۈچىنچى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پىتنە-پاسات تۇغدۇرۇش، داۋا بېشىدىكىلەرنى سېسىتىش دېگەندەك قەبىھ  ئۇسۇللارمۇ كۆپلەپ قوللىنىلىۋاتىدۇ.»

يىغىن ئاخىرىدا بىز سارا كوك خانىمنى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. بىز ھازىرقىدەك دۇنيا ھەقىقى ئەھۋالدىن تەدرىجى خەۋەردار بولۇۋاتقاندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل نازارەت مېخانىزىمىغا قارشى خەلقئارا جامائەت نېمىلەرنى قىلالىشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا خاتىمە بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

«بۇ ئىشلار ھازىر بەكلا قىيىن. نېمىشقا دېسىڭىز بۇ ئىشلار ھازىر بەكلا مۇرەككەپلىشىپ، ناھايىتى كۆپ ساندىكى<ئارتىستلار>  بۇنىڭغا ئارىلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمما خەلقئارا جامائەت راستىنلا مۇھتاج بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى مەبلەغ سېلىش ۋە شىركەت قۇرۇش ساھەسىدىكى مەسىلىلەردۇر. چۈنكى بۇ شىركەتلەر بىر بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ياكى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇ خىلدىكى <تەجرىبە> ئارقىلىق كۆپلەپ پايدا ئېلىۋاتىدۇ؛ بىر بولسا چىراي تونۇش تېخنىكىسى دېگەندەك نازارەت تېخنولوگىيەسىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتىدۇ. مۇشۇ خىلدىكى شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغانلىق ھەمدە ئۇلارنى قوللىغانلىق ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قاباھەتلىك قىلمىشلىرىغا ھەمدەملىشىپ پۇل تېپىشتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. »

نۇرى تۈركەلمۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى چۈشىنىشىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپلۈكى، يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە سورالغان سوئاللارنىڭ خىلمۇ-خىللىقى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.