ئەنگلىيەنىڭ ئېكسېتېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئاڭلىتىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

27-29-ئىيۇن كۈنلىرى ئەنگلىيەنىڭ ئېكسېتېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئالەمشۇمۇل مەركىزىي ئاسىيا» تېمىسىدا 16-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. بۇ يىغىننى ياۋروپا مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇردى. يىغىنغا ياۋروپا ۋە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 200 دىن ئوشۇق ئالىم قاتناشتى.

«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىندىكى كۆپلىگەن دوكلاتلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان ئىكەن.

ئابلەت كامالوف مەزكۇر يىغىندا يەنە يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇلاردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئالىملارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولدى. يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتىگە قاتناشقان ئالىملار مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ھەر خىل ئامىللىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇلار خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا قارىتىلغان خىتاي سىياسىتىنى پاش قىلىشقا چاقىردى.»

ئابلەت كامالوف ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ئەھۋالىنىڭ مەزكۇر يىغىندا نۇقتىلىق مەسىلە سۈپىتىدە قارالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. «دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. بۇنى مانا مۇشۇ يىغىندىن، ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە، ئۇلارنىڭ تارىخىغا ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالىغا بولغان قىزىقىشىدىن روشەن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مۇشۇ يىغىندا باشقا مەملىكەتلەردىن كەلگەن كەسىپداشلىرىم مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى ھەم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەقىپلەش، قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى رېيچېل ھاررىس خانىم مۇنداق دېدى: «مەن ياۋروپا مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىلقى يىغىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بولدى دەپ ئويلايمەن. مەزكۇر جەمئىيەت ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بويىچە كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلدى. مېنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا بېغىشلانغان بۆلۈممۇ قىزىقارلىق بولدى. بۇ مۇھاكىمە نەتىجىلىك بولدى ھەم قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا بولغان قىزىقىشنىڭ قانچىلىك ئۈستۈن بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قانداق قىلىپ ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»