كەنت سېكرېتارى: «بۇيرۇققا ئاساسەن ئۆيۈمنىڭ تېمىدىكى مېھراب شەكىللىك ئويۇقنى تۆت چاسىغا ئۆزگەرتتىم»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى سىياسىي بوران-چاپقۇنى مەسچىتلەرنى ئۆرۈش، مەسچىت مۇنارلىرىنى يىقىتىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ ئاھالىلەرنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرىدىكى مېھراب ۋە ھىلال ئاي شەكىللىرىنىمۇ ئامان قويمىغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بىر ۋىدىيولۇق ئۇچۇردا ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەلۇم بىر جايىدا بىر ئايالنىڭ ئۆز ئۆيىنىڭ تورۇسىدىكى لىم ياغاچقا نەقىشلەنگەن نەقىشلەرنى گۈرجەك بىلەن سويۇپ چىقىرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ ئالدىدا راىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا غۇلجىنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ مىللىي پاسوندىكى نەقىشلىرىنىڭ تۆكۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى.

خوتەندىكى بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ دەلىللىشىچە، بۇلتۇردىن باشلاپ مېھراب شەكىللىك كۆرۈنۈشلەرمۇ «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ قارىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرىگە نەقىشلەنگەن مېھرابلار تۈزلىۋېتىلگەن ياكى تۆت چاسا شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن.

قەشقەردىكى بىر كەنت ئاياللار مۇدىرىمۇ ئۆزىنىڭ مەھەللىدە «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» ھەققىدە تەشۋىقاتقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تەشۋىقاتىدا ئۆي-ئىمارەتلەردىكى مېھراب شەكلىنى يوقىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنئى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تەۋەلىكتە ئۆي-ئىمارەتلەردىكى مېھراب قاتارلىق دىنىي تۈس ئالغان شەكىل ۋە كۆرۈنۈشلەر تەلتۆكۈس يوقىتىلغان.

خوتەندىكى مەزكۇر كەنت سېكرېتارى ئۆز ئۆيىنىڭ تېمىغا ئىككى يىل بۇرۇن بەلگىلىك مىقداردا پۇل خەجلەپ مېھراب نەقىشلىگەنلىكىنى، بۇلتۇرغا كەلگەندە يۇقىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن بۇ شەكىلنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى مەخسۇس ھۈنەرۋەن تەكلىپ قىلىپ نەقىشلىگەن بۇ مېھرابنى بۇ يىل ئۆز قولى بىلەن بۇزۇپ تاشلىغان. ئاندىن ساقچى ۋە كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ ئۆي تېمىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغان. بۇ سېكرېتار يەنە تام ۋە تۈۋرۈكلىرىدىكى مېھراب ۋە ھىلال ئاي شەكىللىرى يوق قىلىنمىغان بىر قىسىم ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە نۆۋەتتە مەھەللە-كوچىلارنى ئايلانغاندا ھېچ بىر ئۆي-ئىمارەت ۋە قۇرۇلۇشلاردا مېھراب، مۇنار ۋە ھىلال ئاي شەكىللىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.