ئامېرىكا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ «تەييار بولغانلىقى» دىن سىگنال بەرمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ «تەييار بولغانلىقى» دىن بېشارەت بەرمەكتە.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 21-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر جازالاش تەدبىرلىرى «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» غا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمەت قاتلىمىدىكى نۇرغۇن ئورگانلار بۇنىڭ تەپسىلاتى ۋە زۆرۈرىيىتى ئۈستىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىپ بولغان ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ساراھ سېۋال بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئامېرىكادىكى پاي چېكى بازىرىدىكى ئۆلۈشى ۋە پايدا-مەنپەئەتى ئوخشىمايدىغان گۇرۇھلارنىڭ خىزمەت قاتلىمىدا مۇشۇنداق بىر مەسىلە ئۈستىدە ئوخشاش بىر نۇقتىغا كېلىشىنىڭ ئۆزىلا كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجىدۇر،» دېگەن.

بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىككى مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىشى ۋە رايوندىكى سىياسىي «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلارنى «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازالاش تەلىپىنى قوللاش ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلىرىنى يوللىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئوخشاش ئايدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» دىمۇ يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئىدى.

ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ستىۋېن منۇچىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازالاش تەدبىرلىرىدىكى بۇ تەييارلىقلىرىنى توختىتىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىدىكى خەۋەردە ستىۋېن منۇچىننىڭ بۇ پىكىرنى بېرىشىدە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

28-ئىيۇن كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە G-20 يىغىنى ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئامېرىكا قاتارلىق 19 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىدىكەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنى سۆزىگە جاۋاب بېرىپ: «ئەگەر شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا كەلمىسە خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ سانىنى ئاشۇرىمەن،» دېگەن ئىدى.

خەۋەردە ستىۋېن منۇچىننىڭ مۇشۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازا تەدبىرلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمگە توسقۇنلۇق قىلىپ قويىدۇ،» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.

بىز ستىۋېن منۇچىننىڭ بۇ پىكرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بىلىش مەقسىتىدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان ئايال خادىم بىزنىڭ سورىماقچى بولغان سوئاللىرىمىزنى ئېلېكترونلۇق خەت شەكلىدە ئەۋەتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ئۇلاردىن بۇنىڭغا جاۋاب خەت كەلمىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك جازا تەدبىرىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمى سەۋەبلىك بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرىدۇ؟ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، لېكىن خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ›يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى‹ نى ئىجرا قىلىشنىڭ ئامېرىكا ئىلگىرى يولغا قويغان جازا تەدبىرلىرىگە قارىتا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ، دەپ قاراش توغرا ئەمەس. بېيجىڭ دائىرىلىرى چېن چۈەنگوغا كېلىدىغان زەربىگە قارىغاندا خۇاۋېيغا كېلىدىغان زەربىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدۇ. ›يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى‹ سىمۋوللۇق بىر قانۇن. ئەگەر ئۇنى قوللانمىسا، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرگە “بىز سىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيمىز، سىلەر بىلەن كارىمىز يوق” دېگەن تەسىرنى بېرىپ قويىدۇ. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خرىستىئان ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلاۋاتىمىز. بىراق نۇتۇق سۆزلەش ئەمەلىي توسۇش كۈچى بولغان تەدبىرلەردىن پەرقلىنىدۇ.»