گېرمانىيەدە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللىشى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 6-ئاينىڭ 15-16-كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى» نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كوماندىلارنىڭ ئەزالىرى ھەمدە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرچە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا پاراتتىن ئۆتتى. مۇسابىقىگە ساھىپخان بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ مۇسابىقىگە 6 دۆلەتتىن 100 دىن ئارتۇق كوماندا ئەزاسى قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىكەن. 

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. يۈزلەرچە كوماندا ئەزالىرى ۋە تاماشىبىنلار قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ مىللىي مارشقا بولغان ھۆرمەت-ئېھتىراملىرىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ھەمدە چەتئەللەردىن كەلگەن بەزى مۇھىم مېھمانلار ۋە باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رېندىباچېر ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز ئېلىپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
15-ئىيۇندىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى گېرمانىيە ئۇيغۇر كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە ئۇيغۇر كوماندىسى باشلىدى. قېرىنداشلىق سۆيگۈسى ۋە مۇھەببەت ئىچىدە 2 كۈن داۋاملاشقان بۇ مۇسابىقىدە شىۋېتسىيە كوماندىسى بىرىنچىلىككە، نورۋېگىيە كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، بېلگىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نەتىجە قازانغان كوماندىلارنى د ئۇ ق نامىدىن ماددىي جەھەتتىن تەقدىرلىدى ھەمدە مۇكاپات لوڭقىسى تەقدىم قىلدى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ھەققىدە توختالغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇنداق بىر مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى مۇسابىقىنىڭ ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى «ياۋروپا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» ئۈچۈن كەلگەن مېھمانلارنى ياخشى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ خىزمەتلەردە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.