خوتەندە يەنە بىر بالا ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن، ئاتا-ئانىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆتكەن ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خوتەندە ئۆستەڭگە چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەن بىر بالىنى تونۇۋېلىش ھەققىدە سۈرەتلىك ئېلان تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بالىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. ئەھۋالدىن قىسمەن خەۋەردار كىشىلەر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

مەزكۇر سۈرەتلىك ئېلاندا ئۆستەڭدىن سۈزۈۋېلىنغان بالىنىڭ ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. مەزكۇر دوختۇرخانىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىدى. شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

خوتەن شەھەر ئىلچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ خادىمى مەزكۇر ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. بىز بۇ خادىمدىن ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن بالىنىڭ ئىسمى، يېشى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ قايسى لاگېردا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ۋەقە ھەققىدە ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ساقچىنىڭ مەلۇماتى بارلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ساقچى ئىبراھىم تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى. 

ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن بالا ھەققىدىكى سۈرەتلىك ئېلاندا بالىنىڭ سۇلتانىم مازارلىقى يېنىدىكى بىر ئۆستەڭدىن سۈزىۋېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى مەزكۇر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تېپىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ خوتەن شەھەر ناۋاغ يېزا، سۇلتانىم مەھەللىسى 3-ئاھالىلەر كومىتېتىغا نوپۇسلۇق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى، جۈملىدىن بالا ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەندە قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئۆتكەن يىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇما ناھىيىسىدە 8 ياشلىق ئەسما ئەخمەتنىڭ ئۈستىگە قايناقسۇ تۆكۈۋېلىپ ئۆلگەنلىكى، ئىككى ياشلىق رەخمىتۇللا شىرباقىنىڭ بولسا ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ مۇزلاپ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ ھەر ئىككى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېردا ئىكەنلىكىنى دەلىللەنگەن ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر مانا بۇ ۋەقەلەرگە، بولۇپمۇ خوتەندە كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىدەك رېئاللىققا ئاساسەن بۇ قېتىم سۇلتانىم مەھەللىسىدە سۇغا چۈشۈپ ئۆلگەن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ لاگېردا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.