چاقچاقچى روزاخۇننىڭ بىر مەزگىل لاگېردا ياتقانلىقى ۋە بىر ئاي ئاۋۋال قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن تۇرسۇن روزى ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ فەيسبوكىدا ئېلان قىلىنغان بىر گۇۋاھلىق باياناتىدا، غۇلجىدىكى بىر تۈركۈم داڭلىق كارخانىچىلار قاتارىدا، ئاتاقلىق چاقچاقچى روزاخۇننىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىلگەن. پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇتقۇندىكى زىيالىيلار ۋە سەنئەتكارلار تىزىملىكىدىمۇ روزاخۇننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. روزاخۇننىڭ يوتۇب قانىلىدىكى بىر چاتما يۇمۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ چاپچال ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدىندۇر. جاغىستايدىكى بىر كەنت سېكرېتارى، روزاخۇننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە مۈجمەل جاۋاب بېرىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ قاچان ۋە قەيەردە تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. يەنە روزاخۇننىڭ يۇمۇرلىرىدىن ئۇنىڭ غۇلجا شەھىرىدە بىر شىركەت قۇرغانلىقى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن ماڭدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما لاگېر تۇتقۇنلىرى كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى يۇرتلىرىدىكى لاگېرلارغا سولانغان بولغاچقا، بىز چاپچال ناھىيەسىدىكى ساقچى خادىملىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق. چاپچاللىق بىر ساقچى خادىمى روزاخۇننىڭ بىر ئاي ئاۋۋال لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما روزاخۇننىڭ قايسى لاگېردا نېمە ئۈچۈن ياتقانلىقى ۋە نېمە سەۋەبتىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، جاغىستايدىكى بۇ دېلوغا مەسئۇل ساقچىنىڭلا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جاغىستايدىكى ئالاقىدار بىر خادىم، 3 ئاينىڭ ئالدىدا، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تەربىيەلەش مەركىزىگە بارغىنىدا روزاخۇننى كۆرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بىر مەزگىل چاپچال ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان يىغىۋېلىش لاگېرىدا ياتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە روزاخۇننىڭ لاگېردا ئۇچراتقىنىدا سالامەتلىكىنى ياخشى ھالدا كۆرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئەمما خادىملارنىڭ ھېچبىرى روزاخۇنىڭ تۇتۇلۇش ۋە قويۇۋېتىلىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بەزىلىرى، ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنىڭ تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە ھازىر جاۋابلىقى، شۇ سەۋەبلىك ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن سىياسىي جەھەتتە چاتاق تاپقانلىقىنى تەكىتلىسە، يەنە بەزىلەر روزاخۇننىڭ تىجارىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تېز روناق تاپقانلىقى ۋە بىر قاتار خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ شۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىن پۇتىماق تاپقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

چاپچال ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى روزاخۇن گەرچە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تەكرار تۇتۇلۇپ كېتىلىش خەۋپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەشھۇر ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجى، ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى ئىلياس نىيازلارنىڭمۇ دەسلەپتە بىر قېتىم تۇتۇپ قويۇۋېتىلگەنلىكى، 2-3 ئايدىن كېيىن قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.