«مىراس فوندى» دا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كرىزىس ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ۋاشىنگتوندا «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» نىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى جىددىي داۋام قىلىۋاتقاندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان «مىراس فوندى» 7-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كرىزىس ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، «مىراس فوندى» ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋالتېر لوخمان ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، «تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقى» دەك زور پاجىئەگە 30 يىل بولغان ھازىرقى كۈندە خىتاينىڭ ئاشۇ خىلدىكى زۇلۇملارنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ مەھبۇسقا ئايلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ ھازىرقى زاماندىكى بۇ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ دىنىي ئېتىقادقا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، بۇنچە كۆپ ساندىكى ئىنسانلارنىڭ لاگېرلارغا توپلىنىشىنىڭ تولىمۇ زور بىر خەتەرنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىنىي ئېتىقادقا باغلاپ مىليونلىغان كىشىنى لاگېرلارغا قاماشنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاق پىرىنسىپى ئۈچۈن بىر زور خىرىس بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ مۇھاكىمە باسقۇچىدا ئالدى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلاپ ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلارنى ئىلگىرى كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى، دەپ تەشۋىق قىلغان بولسا، ھازىر بۇ جايلارنى ياتاقلىق مەكتەپ، دېيىشكە ئۆتكەنلىكىنى. ئۇلار بۇ جايلاردىكى كىشىلەرنى ھەربىيچە شەكىلدە باشقۇرۇپ، «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاش» دېگەن يېتەكچى ئىدىيە بويىچە ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى، دەل مۇشۇ يېتەكچى ئىدىيەنىڭ سەۋەبىدىن يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر يېتىملەرنىڭ ئاتا-ئانا باغرىدىن جۇدا بولۇشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنىڭ كېسىپ تاشلىنىشى بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. 

نۇرى تۈركەل شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىشلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى تاشقى دۇنياغا نامەلۇم بولۇۋاتقاندا ماروڭ، خۇ ليەنخې قاتارلىق بىر قىسىم خىتاي ئالىملىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاخىرقى ھېسابتا ھەق قىلىش» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ قانداق بىر قاباھەتنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ كۆرۈش لازىملىقىنى بايان قىلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغىلى ئۈچ يىل بولغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىستېمىلاشقان باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى دۇنياغا كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، دۇنيانىڭ بۇ ئىشقا ئەمدى جىددىي قارىمىسا تولىمۇ كېچىككەنلىك بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا يانتاياق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇش لازىملىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەققىدە ئەڭ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىزمەت خىراجىتىنى كۆپەيتىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان يەنە بىر ئەزىز مېھمان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە خەلقئاراغا تونۇلۇۋاتقان گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنز ئىدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپ لاگېرلارنى «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش ئورنى» دەپ ئاتىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بۇيان بۇ مۇئەسسەلەرنىڭ نامىنى ئوخشىمىغان توققۇز خىل شەكىلدە ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ناملارنىڭ ھەممىسىدىلا بىردەك «تەربىيەلەش-ئۆزگەرتىش» دېگەن ئىبارىنىڭ مەركەز بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئىبارىنىڭ دەل بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ ئاجىز نۇقتا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا بۇ خىل «ئۆزگەرتىش» نىڭ 1950-يىللاردا جىسمانىي ئەمگەك بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى، كېيىنچە بۇنى فالۇنگوڭچىلارغا ئىشلەتكەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇر تۇتقۇنغا تەدبىقلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ مۇشۇ ئارقىلىق تاشقى دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ «تەربىيىلەش» ئورۇنلىرىنىڭ مەيلى قايسىلا جەھەتتىن بولسۇن تولۇق تۈرمە شەكلىنى ئالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئادريان زېنزنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرغا خىزمەت ئىشى بىلەن بارغان نامەلۇم بىر كىشى ئۆزىنىڭ لاگېرلاردا كۆرگەنلىرىگە بىنائەن كومپيۇتېردا بۇ لاگېرلارنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك (3د) تەقلىدىي شەكلىنى ياساپ چىققان. ئۇ بۇنى يىغىن ئەھلىگە كۆرسەتكەندە زالدىكىلەر بۇ «تەربىيىلەش مەركىزى» دىكى كۆزىتىش مۇنارى، تىكەنلىك سىم توسۇق، ياتاق ۋە سىنىپلاردىكى تۆمۈر رىشاتكا بىلەن ئايرىلغان ۋە قورشالغان خاس رايونلار قاتارلىقلارنى، بۇ جايلاردا ياش قىزلاردىن تارتىپ چاچلىرى ئاقارغان مومايلارغىچە بولغان ئاياللارنىڭ ساقچى فورمىسى كىيگەن «ئوقۇتقۇچى» دىن خىتايچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى. دوكتور ئادريان زېنز يەنە خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارغا ئاجراتقان خامچوت ئەھۋالى، بۇ جايلارغا قوبۇل قىلىنغان ساقچىلارنىڭ سانى قاتارلىقلاردىن قارىغاندىمۇ بۇ جايلارنى «كەسپىي ماھارەت مەكتىپى» دەپ ئاتاشقا ھېچقانداق ئاساس يوقلۇقىنى بايان قىلىپ ئىسپاتلار شۇنچە تولۇق بولغان ئەھۋالدا دۇنيانىڭ بۇ ئىشلارغا قارىتا تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك جىددىي خىزمەت مۇھىتىدىن ئالايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ يېتىپ كەلدى. ئۇ مەخسۇس سۆز قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادتىن مەھرۇم قالدۇرۇشتەك ئۇرۇنۇشىنىڭ تارىختا كۆپ قېتىم تەكرارلانغان مۇۋەپپىقىيەتسىز ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى، ياۋروپادىكى كوممۇنىزم دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇنى تەجرىبە قىلىپ كۆرگەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ «خىتاي ئېتىقاد بىلەن جەڭ قىلماقتا، ئەمما ئۇلار بۇ جەڭدە غەلىبە قىلالمايدۇ» دېگەننى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى.
يىغىننىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن ئولىۋىيا يېنوسنىڭ «نۆۋەتتە ئىنسانىيەتنىڭ پاجىئەلىك تارىخى تەكرارلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ھالنى ئەيىبلەشتىن باشقا يەنە ئەمىلى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم» دېگەن پىكرى يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە يىغىن مەيدانىدىكىلەر ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىدى. سورالغان سوئاللارنىڭ كۆپلۈكىدىنمۇ كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بەكلا قىزىقىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

يىغىن ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق زور بىر پاجىئەگە دۇچ كېلىۋاتقاندىمۇ دۇنيانىڭ يەنىلا بۇ مەسىلىدە دىلىغۇللۇقتا بولۇشى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، «مىراس فوندى» نىڭ پىكىرلىرى ئاق ساراينىڭ دائىملىق پايدىلىنىش مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ خىلدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن زور ئىجابىي قىممەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.