ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك: «ئۇيغۇرلارغا دەيدىغىنىم – نائۈمىد بولماڭلار!»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇخبىر: بۈگۈن ئۇلۇغ رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ۋە روزا ھەينىڭ بىرىنچى كۈنى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىر مىلياردتىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۆز ئائىلىسى، دوستلىرى بىلەن بۇ بايرامنى قۇتلاۋاتىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاينىڭ ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قامالدى.

ئۆتكەن ھەپتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى بارلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قويۇپ بەرمىدى. سىزنىڭ خىتايغا يەتكۈزىدىغان قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟

سام بروۋنبەك: بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر خاتالىقى. ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. بۇنچىۋالا ئىمانلىق كىشىلەرنى ئۇلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا قاماپ، خىتاي ئۆز دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلارنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنى بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشنى داۋام قىلىمىز.

دۇنيا بۇنى بىلىپ بولدى ۋە تونۇپ يېتىدۇ ھەمدە خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى سەۋەبلىك ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.

بىز 2019-يىلىدا تۇرۇپ، تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى، ئەمگەك لاگېرلىرىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقىنىمىزنى ئويلاپ كۆرسىڭىز، ئەسلى بۇلار 40-ۋە 50-يىللارغا تەۋە نەرسىلەر بولۇش كېرەك. ئۇلار دۇنيا بۇ سەۋىيىگە يەتكەن بىر زامانغا مەنسۇپ ئەمەس. شۇڭا مەن بۇنى خىتاي قىلغان ئەڭ ئېغىر خاتالىق، دەپ قارايمەن. بىز خىتاينى بارلىق ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادنى توسالغۇسىز ۋە تىنچ يوسۇندا داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويۇشقا چاقىرىمىز.

بولۇپمۇ رامزان ئاخىرلاشقان، روزا ھېيت قۇتلىنىدىغان دەملەردە خىتاي ئىشنىڭ توغرىسىنى قىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى دۇنياغا شۇنداق بىر سىگنالنى بېرىدۇكى، ئەگەر خىتاي ئۆزىدىكى مۇسۇلمانلارغا بۇنداق قىلىشىنى راۋا كۆرگەنىكەن، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆز ئېتىقادىنى تىنچ يوسۇندا داۋام قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى نېمە دەپ ئويلىغان بولىدۇ؟

مەنچە، خىتايدەك چوڭلۇقتىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغان بىر دۆلەت چوقۇم دۇنياغا قانداق شەكىلدە كۆرۈنۈۋاتقانلىقى ۋە ئىمانلىق ئىنسانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدىكى ئوبرازىغا بەكرەك ئېتىبار بېرىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار بۇنى بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار، بۇددىستلار، فالۇنگوڭچىلارغا ئوخشاش قىلىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: بۈگۈنكى مۇشۇنداق ئالاھىدە كۈندە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرگە بولالمايدۇ. كۆپىنچىلىرى ئۆز تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ ئۆلۈك تىرىكلىكىنىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھېيتلىرىنى تەبرىكلىيەلمەيدۇ.

ئۇلار ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئەھۋالدا تۇرماقتا، نۇرغۇنلىرى ئۈمىدسىزلىك ئىلىكىدە ئازابلانماقتا. سىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا، چەتئەللەردىكىلا ئەمەس، بەلكى لاگېردىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن لاگېر سىرتىدا تەتقىقاتچىلار ئېيتقاندەك، ساقچى دۆلىتىدە ياشاۋاتقان 10 مىليون ئۇيغۇرغا قانداق سۆزلىرىڭىز بار.

سام بروۋنبەك: مېنىڭ ئۇيغۇرغا ئېيتىدىغىنىم، -دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلا ۋە نائۈمىد بولماڭلار. ئۈمىدتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كۆچمەڭلا.

بۇ ۋەزىيەت دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىدە تېخىمۇ روشەنلىشىشكە باشلىدى.

سىزلەر ھازىر مۇسۇلمان ئەللىرىدە نامايىشچىلارنىڭ توپلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسىلەر، ھىندونېزىيەدىمۇ نامايىشلار بولدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇتتۇرىغا چىقتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۈچلۈك ۋە روشەن رەۋىشتە مەيدانىنى ئىپادىلىدى. ئۈمىدىڭلارنى يوقاتماڭلار ھەمدە شۇنىڭغا ئىشىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلاركى، ھەققانىيەت ھەر زامان غالىپ كەلگەن. بىز دۇنيا تارىخىدا دەسلەپتە ئۈمىدسىز كۆرۈنگەن ۋەزىيەتلەردىمۇ ئۈمىدنىڭ ھامان تۇغۇلغانلىقىنى كۆردۇق.

ئىنجىلدا «تەڭرى مەسخىرە قىلىنماس» دەيدىغان بىر سۆز بار. پەيتىدە كەلگەن پەسىلدە روشەن بىر ھېكمەت بار. بۇنداق دېگەنلىك بۇ ھېچ مۇشەققەتسىز بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. تەڭرى مەسخىرە قىلىنماس، ھەقىقەت چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، كەلگۈسىدە ئادالەتلىك ئىشلار بولىدۇ. ھەرگىز نائۈمىد بولماڭلار.

مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتى 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقنى قوغداشتا ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ كەلدى. ئەمما، تۈركىيەدىن باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىگە كەلگەندە شۈك تۇرۇۋالدى. ھەتتا بەزىلىرى خىتاي ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلۇملارنى قوللىدى. سىزنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئەللەرگە قانداق گەپلىرىڭىز بار؟

سام بروۋنبەك: مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغىنىم، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدىكى پاكىتلارنى تەكشۈرۈڭلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە جازالىنىۋاتقان باشقىلار ئۈچۈن ئۇتتۇرىغا چىقىڭلار.

مەنچە بەزى ھۆكۈمەتلەر، ئەگەر بىز باشقىلارنى ئەيىبلىمىسەك، ئۇلارمۇ بىزنى ئەيىبلىمەيدۇ دەپ ئويلايدۇ. بىزدە بولۇشقا تېگىشلىك ئۆلچەم مۇشۇمۇ؟ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا خەلقنىڭ ئەيىبلەش ھەققى بار، ئۇلار بۇ يەردە بولغان بەزى ئىشلارنى تەنقىد قىلالايدۇ. ئۆتكەندە ئىككى يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىدا ئېتىشىش بولدى. بىز بۇنى تەن ئالدۇق ۋە بۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلدۇق ھەم رەت قىلدۇق. مانا بۇ بىزنىڭ مۇسۇلمان ئەللىرىگە قىلىدىغان چاقىرىقىمىز. توغرا ئىشنى قىلىڭلار، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئاۋازلارنى چىقىرىڭلار ۋە بارچە ئىنساننىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ ئۇتتۇرىغا چىقىڭلار. ئۆز دۆلىتىڭلاردىكى ۋە خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن تىك تۇرۇڭلار. خىتايدىن قورقماڭلار، كۆپلىگەن دۆلەتلەر بار، مەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى بىلەن ئۇچراشتىم ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇتتۇرىغا قويدۇم. ئۇلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۆكتەملىك قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. خاتا قىلىۋاتقان بىرىگە دەيدىغان گېپىڭلار مۇشۇمۇ؟ سىلەر قورقۇنچ ئىلىكىدە ھەرىكەت قىلامسىلەر ياكى، قورققىنىڭلار ئۈچۈن مىدىرلىيالمامسىلەر. بىرىگە مۇشۇنداق تاقابىل تۇرامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتنى ئوچۇق سۆزلەڭلار، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسۇن، مۇسۇلمان ئەللىرىمۇ شۇنداق قىلسۇن. غەرب ئەللىرى، پۈتۈن دۇنيا شۇنداق قىلىشى ۋە بۇ 2019-يىلى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قامالغان تۈرمە لاگېرلىرىنى ئەيىبلىشى كېرەك. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك قامالغان. بۇ بىر رەزىللىك.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، ئەگەر خەلقئارالىق جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇشىدىن باشقا ئەھمىيەتلىك ھەرىكەت ئېلىپ بارمىسا، ئۇيغۇر خەلقى قانداق كۈنگە قالىدۇ؟

سام بروۋنبەك: بىز ئىلگىرى بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرگەن. خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەت قىلماي مەسىلىنى ھەل قىلمىسا ياكى خۇشامەتچىلىك ئىستراتېگىيىسى قوللانسا، بۇ زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈۋېتىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىكىگە قارشى ھەرىكەت بولمىسا، باشقا دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرمۇ ئوخشاش تاكتىكىنى باشقا يەرلەردىمۇ قوللىنىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بۇ دىكتاتور دۆلەتلەرمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، سۈنئىي-ئەقىل ۋە چىراي تونۇش سىستېمىلىرى ئارقىلىق تەقىبنى كۈچەيتىدۇ. شىنجاڭدا بەزىلەرنى سولاپ قويمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار جەمئىيەتتە نورمال ياشىيالمايدۇ. سىز مەسچىتكە بارالمايسىز. ئۇ يەرگە بارسىڭىز، سىزنىڭ ئىجتىمائىي كرېدىتىڭىز تۆۋەنلەيدۇ. ئاندىن سىز جەمئىيەتتىكى مەدەنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشالمايسىز. بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق سىستېما سىزنى توسۇۋېتىدۇ. ئەگەر دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى قىلمىشلىرىنى توسۇمىسا سىز بۇ خىل سىستېمىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆرىسىز. بۇ تارىختىن بۇيان شۇنداق. ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرمىسىڭىز، ئۇ كېڭىيىدۇ خالاس. ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىت كەلدى.

مۇخبىر: سىز ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى خەلقئارالىق ماگنېتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بويىچە جازالاشنى قوللامسىز؟

سام بروۋنبەك: بۇ توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارار ئالمىغىچە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئاشكارىلىمايدۇ. ئۇنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ يەرگىچە. مەن بۇ توغرىسىدا ھازىر قانداق مەۋقەدە ئىكەنلىكىمنى جاكارلىمايمەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرىكەتكە ئۆتكەندە پۈتۈن دۇنيا شۇ ۋاقتا بىلىدۇ.

مۇخبىر: سىز يېقىنقى نۇتۇقلىرىڭىزدا «خىتاي ھۆكۈمىتى دىنلارغا بولۇپمۇ، ئىسلامغا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئۆتتىڭىز. ھازىرقى مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە كۈلتۈرال سالاھىيىتىگە ھۇجۇم قىلماقتا. سىزنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىۋاتقان جېڭىدە غەلىبە قازىنالامدۇ؟

سام بروۋنبەك: ياق، ئۆتمۈشتىكى نۇرغۇن ھاكىمىيەتلەرنىڭ بۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. سىز بىر دىنىي جامائەتنى بىر مەزگىل باستۇرالايسىز. ئەمما، ئېتىقادنىڭ ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئۇ بىر ئىنساننىڭ روھىدىكى نەرسىدۇر. سىز بىر ئىنساننىڭ روھىنى باستۇرماقچى. بۇ جەڭدە مەڭگۈ ئۇتالمايسىز. ئىنسانلارنى بىر مەزگىل سولاپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراپ بېقىڭ. ئۇ 70 يىل بىر رەسمىي ئاتېئىست دۆلەت بولۇپ تۇردى. ئۇلار ئېتىقادىنى ھەممىلا يەردە يوقىتىشقا تىرىشتى. ئۇ ھاكىمىيەت ھازىر مەۋجۇت ئەمەس. ئەمما دىنىي جامائەت بولسا قايتىپ كەلدى. پراۋوسلاۋىيە دىنىي قايتىپ كەلدى. مەن يېقىندا رۇمىنىيەگە باردىم. ئۇ يەردە پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ باش شتابى سوۋېتلار ھۆكۈمرانلىقى زامانىسىدە ياسالغان پارلامېنت بىناسىدا. ئۇ بىر ساختا پارلامېنت ئىدى. ئۇلار ھېچنېمە قىلمايدىغان، شەكىلگىلا ياساپ قويغان بىر بىنا. ئەمما ھازىر بۇ بىنا بىر چېركاۋدۇر. شۇڭا ھازىرقى سوئال بولسا كوممۇنىزم نەگە كەتتى؟ پراۋوسلاۋىيە دىنى نەدە؟ بۇ دىن 2000 يىلدىن بېرى مەۋجۇت. ئىسلاممۇ نۇرغۇن يىللاردىن بېرى مەۋجۇت ھەم يەنە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەڭدە يېڭەلمەيدۇ ۋە بۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنغان ھاكىمىيەتلەر ئىلگىرىمۇ مەغلۇپ بولغان. خىتايمۇ ئوخشاشلا مەغلۇپ بولىدۇ.