«خىتاينىڭ زۇلۇم مودېلى» تېمىسىدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

1989-يىلى ئەتىياز مەزگىللىرىدە خىتايدىكى نەچچە يۈز مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ ۋە باشقا چوڭ شەھەرلەردە نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇ يىلى 4-ئىيۇن كېچىسى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا مىڭلىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نى پەيدا قىلدى. 

ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى ھېلىھەم «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» غا چەكلەنگەن تېمىلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ كەلمەكتە. 3-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكادىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى تەشكىللىگەن «خىتاينىڭ زۇلۇم مودېلى: تيەنئەنمېن، بۈگۈن ۋە ئەتە» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى دەل مۇشۇ مەسىلىگە بېغىشلاندى.

ئالدى بىلەن دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن رەسمىي تۈردە دىكتاتورىلىق ۋە ھاكىممۇتلەقلىق نىقابىنى ئاچقانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ليۇ شياۋبو ئېيتقاندەك بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ يالغۇز خىتاي ئۈچۈن ئاپەت بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا ئۈچۈنمۇ بىر ۋابانىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلار، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت مېخانىزمى، غايەت زور مەبلەغ سېلىنغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق دۇنيانى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئەنە شۇ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان دىكتاتورىلىقنىڭ يېڭى زاماندىكى راۋاجى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زور ساندىكى ئاھالىنى دېموكراتىيەدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ قۇللۇق رېجىمىدا گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەڭ تىپىك مىسال ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ، دالاي لاما ئېيتقاندەك بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھازىر ئاشكارا بولغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ئامېرىكا يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بوب مېنېندېز ۋە ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

بوب مېنېندېز نۇقتىلىق قىلىپ تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى ئوتتۇز يىلغا نەزەر سالغاندا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش مەقسىتىدە بىر قاتار مودېللارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭدا ھازىر ئەڭ قاباھەتلىك بولۇۋاتقىنى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت، دۇنيا ئۈچۈن بىر ئاپەت بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن بۇيانقى ئىككىنچى دىكتاتورىلىقنىڭ مودېلى ھاسىل بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەجرىبىسى ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان كىشىنى لاگېرلارغا قاماش بىلەن باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

سام بروۋنبەك سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىشنى قوللىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا «خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە روناق تاپسا دېموكراتىيەگە قاراپ ماڭىدۇ» دەيدىغان قاراشنىڭ پۈتۈنلەي خاتا بولغانلىقى ئىسپاتلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى بولۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ باھانىدە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي باشقا بىر ئىنسانلار تۈركۈمىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بارچە چارىلارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچى باشلاندى. بۇنىڭدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «خىتايغا ياردەم» فوندىنىڭ رەئىسى بوب فۇ، تىبەت ھەرىكىتى ئىنستىتۇتىنىڭ ۋەكىلى لادون تېتوڭ قاتارلىقلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەردىكى مىللىي كىملىك، دىنىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى زورلۇق كۈچ ۋاسىتىسى بىلەن يوقىتىش، بۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي كىملىكىنى سەپلەش ئۇرۇنۇشىنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلدى.

دولقۇن ئەيسا بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ شەكلىنى جانلىق مىساللار بىلەن بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ھازىرقى زۇلۇملارنىڭ مۇشۇ بىرنەچچە يىل مابەينىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلاردا قانداق شەكىل ئالغانلىقىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ ھېچقاچان «ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش» دېگەن باش نىشاندىن چەتنىمىگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى ھارپىسىدىكى نامايىش پائالىيەتلىرىگە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ پائال ئاۋاز قوشقانلىقىنى، ھالبۇكى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارىتا خىتاي خەلقىنىڭ ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى قوللاش مەۋقەسىدە بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ مەيلى خىتاينىڭ ئىچىدىكى «مېڭىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن خىتايلار» بولسۇن ياكى چەتئەللەردە ئوقۇش، خىزمەت دېگەندەك ئىشلار بىلەن نەچچە ئون يىللاپ تۇرۇپ قالغان خىتايلاردا بولسۇن ئوخشاش بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەت ئارىلىقىدا بىز دولقۇن ئەيسانى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن «1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن نامايىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە تەلەپ قويۇش نامايىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدىن تۆت-بەش يىل ئىلگىرىلا باشلىنىپ بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتە خىتايلاردىنمۇ بالدۇر ئويغانغانلىقىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم تاكتىكىلىرىغا ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ زۇلۇمنى داۋام قىلىشىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. شۇنداقلا يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.