جوئاننې سىمىس: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› نامىدا دۆلەت تېررورلۇقىغا مېڭىۋاتىدۇ!»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگلىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق روتلىج (Routledge) نەشرىياتى 1982-يىلىدىن تارتىپ قەرەللىك نەشر قىلىشنى باشلىغان «ئوتتۇرا ئاسىياغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ 2019-يىللىق 1-سانى مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلاندى.

بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى بىلەن كۆزگە چېلىقىشقا باشلىغان بىر قىسىم ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇستەملىكە تۈزۈمى، ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام دىنى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، «تېررورلۇق مەسىلىسى» ۋە زورلۇق ھەرىكەتلىرى، توقۇنۇش ۋە لاگېرلار مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلار بويىچە يېزىپ چىققان ماقالىلىرىنىڭ بۇ سانغا توپلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىنغان يېڭى بىر ئىلمىي ئەسەر ۋۇجۇدقا چىقتى.

بۇ مەخسۇس ساننىڭ تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئۇيغۇرشۇناس، ئەنگلىيەدىكى نېۋكاسل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جوئاننې سىمىس خانىم (Dr.Joanne Smith Finley) ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىرىك ئەسەرلىرى بىلەن كۆپچىلىككە تونۇلۇشقا باشلىغان ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بۇ مەخسۇس سان ئۈچۈن يازغان ماقالىسىنىڭ بىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ھەققىدە بولۇپ، ئاپتور بۇ مەسىلىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىخەتەرلىك» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقانلىرىنى ماھىيەتتە دۆلەت تېررورىزمىنىڭ نامايان بولۇشى، دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

ئاپتور ئالاھىدە تەكىتلىگەن نۇقتىلارنىڭ بىرى، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان خىتايلارنى ئاساس قىلغان دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلەرنى «بىخەتەرلىك مەسىلىسى» قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكى، تىلى، ئوي-خىيالى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتى بىردەك بۇ خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن «تېررورلۇقنىڭ يوشۇرۇن تەھدىتلىرى» بولۇپ قالغان. بۇ «تەھدىتلەر» نى يوقىتىش ئۈچۈن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قاتار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەن غايەت زور كۆلەملىك نازارەت مېخانىزمى ۋە لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان.

بىز بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە جوئاننې خانىم بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەشكىنىمىزدە ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاتالمىش «بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى» نى دۆلەت تېرورىزىمىغا ماڭغانلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ئامىل قاتارىدا لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ تېخى سادىر بولمىغان «جىنايەت» ئۈچۈن قاماققا چۈشۈشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: «ئالدى بىلەن قارايدىغان بولساق تېررورلۇققا قارشى بۇ تەدبىرلەر ماھىيەتتە ئالدىن ئالا خاراكتېردىكى، شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدىكى تەدبىرلەر بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكى ئىسپاتلانماي تۇرۇپلا ئۇلار گۇناھكار، دەپ تەخمىن قىلىنىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ تەدبىرلەر پەقەتلا مەنتىقىگە چۈشمەيدۇ. شىنجاڭدىكى بىر قىسىم جايلاردا خىتاي بولمىغان ئاھالىنىڭ 10 پىرسەنتى، ھەتتا 20 پىرسەنتىنى ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ قاماققا ئېلىشنى ھېچقانداق قىلىپمۇ يوللۇق، دەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئاشۇ ئىنسانلار رەسمىي تۈردە مۇشۇنداق بىر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنمىگەن ۋە قانۇنىي تەرتىپتە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمىغان ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى قانۇنىي تەرتىپتىن ئۆتمىگەن قولغا ئېلىشلار ۋە تۇتقۇن ھەرىكەتلىرى ساقچى ياكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مۇنداقلا بىر بۇيرۇقلىرى بىلەن ئىجرا بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق سوت تەرتىپى مەۋجۇت ئەمەس.»

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇننىڭ دەسلەپكى شەپىسى 2014-يىلىلا باشلانغان. شۇ ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ يېڭىدىن كىملىك ئېلىشنى بۇيرۇغان. شۇ قاتاردا يۇرتلىرىغا قايتقانلار ئىچىدە ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان، دىندار كىشىلەر دەسلەپكى قەدەمدە بىر-بىرلەپ ئىز-دېرەكسىز يوقىلىشقا يۈز تۇتقان. ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا بولسا ئۇلارنىڭ «ئەسەبىيلىك بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقى» سەۋەب بولغان. كېيىنچە بۇ خىل تۇتقۇن تەدرىجىي شەھەرلەرگە كېڭەيگەن ھەمدە ئۇنىڭ خاراكتېرىمۇ ئۆزگىرىپ ماڭغان. 2016-يىلىدىن باشلاپ بۇ ھەرىكەت «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى پاش قىلىشقا مەركەزلەشكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىلدىكى تەدبىرلەر بارغانسېرى كەمسىتىش تۈسىنى ئېلىۋاتىدۇ. قارايدىغان بولساق خىتاي جەمئىيىتىگە ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، خىتايچىنى سۇدەك سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلار ھە دېسىلا گۇمان ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ھەمدە ئاسانلا ‹ئىككى يۈزلىمىچى› دېگەن قالپاقنى كىيىپ قېلىۋاتىدۇ. يەنى بۇ خىل كىشىلەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق خىتاي دۆلىتىگە يوشۇرۇن رەۋىشتە ساداقەتسىزلىك قىلغان، دەپ ئەيىبلىنىۋاتىدۇ، ھازىر ئەۋج ئېلىۋاتقان غايەت زور نازارەت مېخانىزمى ۋە زور تۇتقۇن ئەمەلىيەتتە غايەت زور كۆلەمدىكى ‹غايىپلىق› قا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئاشۇ تۇتقۇن قىلىنغان ئورۇنلاردا روھىي ۋە جىسمانىي زورلۇقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ جايلاردا قىيناق ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى بولسا ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا، بولۇپمۇ بىر قىسىم لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدە ئىسپاتلانغان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى تېررورلۇقنىڭ ئاساسلىق بەلگىلىرى ھېسابلىنىدۇ.»

ئاپتورنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۇتقۇندا «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» كە باغلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ دىندار بولۇشتەك ئورتاق ئالاھىدىلىكىدىن باشقا يەنە 15 ياشتىن 55 ياشقىچە بولۇش (يەنى ھەربىيلىك يېشىدا بولۇش)، ئۇيغۇر بولۇش، ئىشسىز بولۇش، پاسپورت ئالغان ياكى ئالماقچى بولۇش، چەتئەلدە تۇغقانلىرى بولۇش دېگەندەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بار ئىكەن. بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان كىشىلەر بىردەك «ئىشەنچسىز كىشىلەر» دەپ قارالغان ھەمدە لاگېرلارغا يوللانغان. بۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇيدىغانلار، پەرزەنتلىرىگە دىنىي ئىسىم قويغانلار، دىنىي لىباس كىيگەنلەر، بالىلىرىغا «قۇرئان» ئۆگەتكەنلەر، تېلېفونلىرىدىن دىنىي مەزمۇن بايقالغانلار، چەتئەلگە ساياھەتكە چىققانلار دېگەندەك نورمال ھاياتنىڭ بىرەر ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتكەنلىكى كىشى لاگېرغا قامىلىۋەرگەن. ئۇلار بۇ لاگېرلاردا خىتايچە تىل ئۆگىنىشتىن باشقا ئەڭ مۇھىمى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە جەڭ ئېلان قىلىشى لازىم بولغان. لاگېردىكى روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلار ئاشكارا بولۇۋاتقاندا لاگېر سىرتىدىكىلەرنىڭ ھالى ئۇلاردىنمۇ خاراب ھالغا چۈشۈپ قالغان.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «غايەت زور بولغان نازارەت مېخانىزمى ۋە تۇتقۇن قىلىنىش تەھدىتى بولسا يەنە بىر ياقتىن شىنجاڭدىكى تېخى لاگېرلارغا قامالمىغان تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنى يۈرەكئالدى قىلىپ مۇنتىزىم ھالدا ساراسىمغا سېلىۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ھەرقاچان تۇتۇلۇپ كېتىشىدىن ئەندىشىگە چۈشۈپ قالغان بۇ ئىنسانلار ئايىغى چىقماس قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا. بۇ خىل قورقۇنچ تۇيغۇسى سەۋەبىدىن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نورمال ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، گەپ-سۆزدە ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇش، ئىسلام دىنىغا چېتىشلىق پائالىيەتلىرىنى بىراقلا توختىتىش دېگەندەك. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، قوشنىلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ غايىب بولۇپ كېتىشى ۋە ياكى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ئەسلى-ۋەسلى ۋەھىمە بىلەن چىرمىلىشقا باشلىدى. ئەمدى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارايدىغان بولساق مۇشۇ ئىشلار سەۋەبىدىن ئۇلار شىنجاڭدا قالغان ئاتا-ئانىلىرى ياكى پەرزەنتلىرى بىلەن ئالاقىلىشالماسلىقنىڭ دەردىدە سەكپارە بولۇۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتى ياكى شۇنىڭ سايىسىدە ئىش يۈرگۈزۈۋاتقان ساقچىلار ھەمدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مۇشۇ خىل تېررورلۇقنى غەرەزلىك ھالدا ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇشنى ۋە سىياسىي مەۋقە جەھەتتە باشقىچە بىرەر ھەرىكەتنىڭ بولۇپ قېلىشىنى توسماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دۆلەت تېررورىزمىنى ئىجرا قىلىدۇ. تېررورىزم تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان ئالىملاردىن رىچارد جېكسون بۇ ھەقتە توختىلىپ ‹دۆلەت تېررورىزمى ئاھالىنى قىسقا مۇددەتتە ۋەھىمىگە سېلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزلىگەن سىياسىي كونتروللۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ› دەپ كۆرسىتىدۇ.»

ئاپتور خۇلاسە تەرىقىسىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ دۆلەت تېررورىزمىنى يولغا قويۇشى ھەققىدە ئورتاق قوبۇل قىلىنغان پۇقرالارغا قارشى زورلۇق ۋە تەھدىت ھەرىكەتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ دۆلەت نامىدىن بۇ خىل زورلۇق ۋە تەھدىتنى ئىجرا قىلىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىنىش دېگەندەك بىر قاتار ئالدىنقى شەرتلەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا قىلىۋاتقانلىرىنىڭ مۇشۇ تەبىرلەرگە تولۇق چۈشىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى «تىپىك بولغان دۆلەت تېررورىزمى» دەپ تەرىپلەشكە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.