ئابدۇرېھىم غېنى: «يالغۇز كىشىلىك نامايىشىمنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقچىمەن!»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بىر يىلدىن بۇيان گوللاندىيە پايتەختى ئامستېردامنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى مەيداندا يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ناتونۇش ئەمەس. ئۇنىڭ بۇ تىنىمسىز پائالىيىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، بارغانچە دىققەت قوزغىماقتا.

9-ماي كۈنى ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇلتۇردىن بۇيان يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىشتىكى سەۋەبلەر، نامايىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى ۋە باشقىلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلەشلىرى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دەسلەپ يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى باشلىغاندا ئۆز ئائىلىسىدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە ئىسپات بېرىش ۋە ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەرنى ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ئەمما نامايىش جەريانىدا ئۇنىڭ تەشۋىقات رەسىملىرىنى كۆرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە بولغان قىزىقىشى، مۇخبىرلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلىشى، ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان چەتئەللىك دوستلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى، بولۇپمۇ كېيىنكى چاغلاردا بارغانچە يامانلىشىپ بارغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى سەۋەبلىك ئۇ يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە، يەنى پۈتكۈل مىللەتنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلىتىش يۆنىلىشىگە تەرەققىي قىلدۇرغان.

شۇنداق قىلىپ ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى كېيىنچە پۈتكۈل مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر كۈلپەتلەرنى ئاڭلىتىشقا، تەشۋىقات رەسىملىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى مەزمۇنلار بىلەن بېيىتىشقا ۋە بۇ نامايىشنى يالغۇز ئۆز بېشىغا ئېلىپ بېرىشىغا قارىماي ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا بەل باغلىغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2019-يىلدىكى پائالىيىتىدە لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلار، قاماقتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق تېمىلارنى داۋاملىق ئاڭلاتقان. بۇنىڭغا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش قاتارلىق يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ، بەزى ئەمەلىي ئۈنۈملەرگىمۇ ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ ئامستېردام مەيدانىدىكى يالغۇز كىشىلىك نامايىشى كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇخبىرلارنىڭ ۋە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. ئامستېردام مەيدانىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەر خىل دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن 50 تىن ئارتۇق كىشى ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە ئورناتقان.

ئابدۇرېھىم ئەپەندىدىن بەزى چەتئەللىك ساياھەتچىلەر «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ياردەم قىلالايمىز» دەپ سورىغىنىدا ئۇ ئۇلاردىن ھېچ بولمىسا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشنى، خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىق ئارقىلىق خىتايغا بولغان قارشىلىقنى ئىپادە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا ئۆز پائالىيىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئىمكانىيىتى بولغانلىكى جايدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە گوللاندىيەدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆزى تەييارلىغان تەشۋىقات رەسىملىرىنى ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.