تايلاندتا پاناھلىنىۋاتقان سابىق خىتاي ئەسكىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى بايانلىرى (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تايلاندتا پاناھلىنىۋاتقان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق ئەسكىرى لى نەنفېي ئەپەندى بۇ يىل 29-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لى نەنفېي ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2014-يىلى 4-ئايدا خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ئارقىلىق بېرماغا، ئۇ يەردىن تايلاندقا قېچىپ چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا 19 يىل تۇرغان ئىكەن. يەنى 1996-يىلىدىن 2013-يىل ئاخىرىغىچە غۇلجا شەھىرىدە 19 يىل تۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە يامانلىشىپ بارغان سىياسىي تەقىبلەشلەرگە شاھىت بولغان ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن 2014-يىلىلا قېچىپ چىقتىم. مەن ئەينى يىللىرى كۆرگەن ئەھۋاللارنى باشقىلارغا دېسەم، ئۇلار ئىشەنمەيدۇ. ئەمما مەن ئەندىشە قىلغان ئەھۋاللار مانا بۈگۈن يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەن ئەينى چاغدىلا چوڭ ئىش چىقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدا غۇلجىدىكى تۈرمىلەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇشى مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى. مېنىڭ قارىشىمچە، نورمال بىر شەھەردە تۈرمە ۋە سولاقخانىلارنىڭ سانى ئەسلى چەكلىك بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇ يەردە (غۇلجىدا) ئۇنداق بولمىدى. ئۇ چاغلاردا چېن چۈەنگو تېخى كەلمىگەن ئىدى. چېن چۈەنگو 2016-يىل 8-9-ئايلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەلدى. ئەمما مېنىڭ كۆرگەنلىرىم ئۇ كېلىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى ئەھۋاللاردۇر. بۇ ئىشلار ‹ئىسسىق سۇدا پاقا پىشۇرۇش ئۇسۇلى› دا داۋاملىشىۋاتاتتى. ئۇ چاغدا بۇ ئەھۋاللارغا ئېتىبار بېرىدىغانلارمۇ ئاز ئىدى. تۈرمىلەرنى كېڭەيتىپ ياساش كىشىلەرگە نورمال ئەھۋالدەك كۆرۈنگەن بولسا كېرەك. ئەمما مەن 2013-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان مەزگىلدە سولاقخانىدا كۆرگەن ئەھۋاللار مېنى قورقۇنچقا سالغان ئىدى.»
لى نەنفېي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، دەسلەپ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سولاقخانىسىغا، كېيىنچە ئىلى ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەر ئاستى سولاقخانىسىغا ئىككى ئاي قامالغان ئىكەن. ئۇ ئۆزى قامالغان ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىگە قاراشلىق تۈرمىنىڭ 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەسلىدىكىدىن زور كۆلەمدە كېڭەيتىلگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنى قامىغان جاي ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەر ئاستى سولاقخانىسى ئىدى. ئەمما مەن سولاقخانىدىن چىققان چېغىمدا ئۆزۈمنى ئوبلاستلىق پارتىيە مەكتىپىنىڭ يېنىغا قۇرۇلغان ئىنتايىن چوڭ بىر تۈرمە ئالدىدا كۆردۈم. ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان تۈرمىنىڭ كۆلىمى ئاجايىپ چوڭ بىر دائىرىنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئىلى ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىدىن ئوبلاستلىق پارتكومغا قەدەر دائىرىدە كېڭەيتىپ قۇرۇلۇۋاتقان تۈرمىگە ئاز دېگەندىمۇ 50 مىڭ ئادەم پاتاتتى. كېيىن باشقىلاردىن بۇنداق تۈرمىلەرنىڭ ئاز دېگەندە 3 جايدا بارلىقىنى بىلدىم. مېنىڭ بىلىدىغىنىم كېڭەيتىلگەن تۈرمىلەردىن ‹زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى› مۇ كېڭەيتىلىپتۇ. بىلەمسىز، بۇ 2014-يىلىنىڭ بېشىدىكى ئەھۋاللاردۇر. تۈرمىلەرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش بولسا 2013-يىلىلا باشلانغان ئىدى. بۇ ئەينى چاغدىلا مەندە ئىنتايىن ۋەھىمىلىك بىر تۇيغۇ پەيدا قىلغان ئىدى. چۈنكى 2013-يىلى پۈتكۈل غۇلجا شەھىرىنىڭ نوپۇسى 460 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى، ئەمما ئۇ چاغدا بۇ جايلارغا كىملەرنى قامايدىغانلىقىنى ھېس قىلالمىغان ئىدىم. ئەينى چاغدا بۇ جايغا غۇلجا شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى، ھەتتا ئۈچتىن بىر قىسمى قامالسىمۇ پاتقۇدەك دېگەن خىيالغا كەلگەن ئىدىم. ئەمما بۇنداق بىر زور ساندىكى كىشىلەرنىڭ قامىلىشىنى ئۇ چاغلاردا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ئەمما كېيىن ئاڭلىغان ئەھۋاللاردىن دائىرىلەرنىڭ بۇ جايلارغا تېخىمۇ كۆپ تۇتقۇنلارنى قامىغانلىقىنى بىلدۇق. خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان ئادەملەرنىڭ سانى ھازىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.»

لى نەنفېي ئەپەندى يەنە 2013-يىلى ئۆزى تۇتقۇن قىلىنغان چاغلاردىكى مەزگىلدە ئۆزى قامالغان غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەر ئاستى سولاقخانىسى ۋە ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ سولاقخانىسىدا سىياسىي جىنايەت بىلەن قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قېتىم ئالماشقان كامىرىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تۇرسۇن مەمەت ئىسىملىك ياشانغان ئۇيغۇر ۋە چېگرادىن قېچىشقا ئۇرۇنغان دېگەن جىنايەت بىلەن 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئالىمجان ئىسىملىك ياش بىر ئۇيغۇر يىگىت ۋە سودا سانائەت ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر بىلەن بىللە ياتقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ «جىنايەتلىرى» نى ئىقرار قىلىشقا قىستىغان غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان خەمىت ئىسىملىك دۆلەت ئامانلىق خادىمى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە خەمىت ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار قامالغان كامىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تەھدىت سالغان ئىكەن.

ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاڭ چۈنشەن دەۋرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقى، جاڭ چۈنشەن ۋە چېن چۈەنگولارنىڭ بولسا پەقەتلا ئىجراچىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سۆھبەتنىڭ داۋامىدا لى نەنفېي ئەپەندىنىڭ 1996-يىلى غۇلجىدا ئەسكەر بولغاندىن تارتىپ 2013-يىلى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش» جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر غۇلجىدا ئۆزى شاھىت بولغان تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاڭلايسىلەر.