كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان بىر ئۇيغۇر مۇساپىرنى سۈرۈشتۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى

تايلاند مەزكۇر دۆلەتكە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن بىر كىشىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر دۆلەتكە قېچىپ چىقىپ پاناھلىق سورىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن نۇر مۇھەممەتنى 6‏-ئاۋغۇست خىتاي داىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، تايلاند ۋە خىتاي داىرىلىرىدىن نۇر مۇھەممەت بىلەن دەرھال كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تايلاند كۆچمەنلەر داىرىلىرى نۇرمۇھەممەتنى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ياكى ھازىرغا قەدەر تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەسكەن. لېكىن مەزكۇر تەشكىلات تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، نۇر مۇھەممەتنىڭ خىتايدەك ئۇيغۇرلارغا تەن جازاسى بېرىش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش ۋە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش خاتىرىسىگە ئىگە بىر دۆلەتكە قايتۇرۇلۇشى، ئۇنى تەن جازاسىغا ئۇچراشتىن ئىبارەت ئېغىر خەۋپكە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلات تايلاند داىرىلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭدەك خەلقئارا تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان بىر دۆلەتنىڭ كىشىلەرنى «تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بىر دۆلەتكە قايتۇرۇشى» چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى دوكتور سوفىيە رىچارسون بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۇر مۇھەممەت خىتايغا قايتۇرۇلسا تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن، ئەگەر نۇر مۇھەممەت خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش خەۋپى ئېغىر. تايلاند تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان بىر دۆلەت سۈپىتىدە ئۇنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى نۇر مۇھەممەت بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي يەنە، تايلاند ھۆكۈمىتىنى نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تايلاند چېگرىسىغا قانۇنسىز كىرگۈچى كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تورغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نۇر مۇھەممەتنى خىتاي داىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. نۇر مۇھەممەتنىڭ تايلاند كۆچمەنلەر داىرىلىرى تەرىپىدىن 6‏-ئاۋغۇست قولغا ئېلىنىپ، بانكوكتىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ يەردە تايلاند چېگرىسىغا قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلەڭەنلىكى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاينىڭ نۇر مۇھەممەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلمىغانلىقىنى شۇنداقلا تايلاند داىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن رەسمىي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ پەقەت بانكوكتىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە ئېلىپ كېلىنىپ، بۇ يەردە خىتاي داىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ئۇ تايلاند قانۇنىغا ئاساسەن تايلاند چېگرىسىغا قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلىشى كېرەك ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاند داىرىلىرىنىڭ ئۇنى سوت مەھكىمىسىگە چىقارمايلا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلماقتا.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاند داىرىلىرىنى مەزكۇر دىلودا قانۇن تەرتىپكە بوي سۇنماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشكە چاقىرىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر دىلودىن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنى خەۋەردار قىلمىغانلىقىنى، ئەگەر مۇساپىرلار مەھكىمىسى خەۋەردار قىلىنغان بولسا، ئېھتىمال ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. رىچاردسون خانىم مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى مۇساپىرلا رمەسىلىسىدىكى قانۇن تەرتىپكە بويسۇنۇشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇساپىرلار مەسىلىسىدە تۆۋەندىكى قەدەملەرنى بېسىش كېرەك. بىز نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بۇ قەدەم بويىچە ئىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. بىرىنچىسى، شۇ دۆلەتلەرنىڭ نورمال قانۇن تەرتىپىگە ئەمەل قىلىنىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەندە بۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتمەسلىك كېرەك. بۇنداق دىلولاردا باشتىن-ئاخىر شۇ دۆلەتلەردىكى قانۇنى تەرتىپنى بويلاپ مېڭىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئېغىر خەپكە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بولغانلىقتىن بىز يەنە، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق دېلونى يەرلىك كۆچمەنلەر داىرىلىرى چوقۇم ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسارىياتىغا مەلۇم قىلىپ، ئۇ كىشىنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى ياكى سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.»

نۇر مۇھەممەت مەزكۇر دۆلەتكە قېچىپ چىققان ئىككى يىلدىن بۇيان تايلاند داىرىلىرىنىڭ ئىزچىل تەقىب قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گېنېرال مايور فانساك كاسېمانساتا بانكوكتىكى بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ بانكوكتىكى ئەلچىخانىسى تايلاند داىرىلىرىگە نۇر مۇھەممەتنى «شىنجاڭ» دا پارتلىتىش ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئاتالمىش بىر «تېررورچىلار» تورىنىڭ ئەزاسى دەپ مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاند ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ نۇر مۇھەممەت ئۆزىنىڭ 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە رول ئوينىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلىقىغا داىر ئىشەنچلىك پاكىت بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۇرمۇھەممەت ئىككى يىلدىن بۇيان تايلاندتا ياشىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى، يېقىندا خوتەن ۋە قەشقەردە پارتلىغان ۋەقەلەردىن كېيىنلا يۈز بەردى. لېكىن بۇ ۋەقە يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن خىتايغا قوشنا ئەللەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بىردىن-بىر ۋەقە ئەمەس. ئۆتكەن ھەپتىدە پاكىستان ھۆكۈمىتى بالۇجىستاندىن ئىرانغا ماڭغان 12 يولۇچىنى تۇتۇپ قېلىپ، ئۇلاردىن 5 ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/tayland-xitay-08112011165529.html/story_main?encoding=latin