ئۇيغۇرلارنى قوللاش بىلەن تونۇلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى سىمىت، «جۇڭگو ئىشلار كومىتېتى» نىڭ رەىسلىكىگە تەيىنلەندى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى

خىتاينىڭ دىنىي ۋە مىللىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا يار-يۆلەك بولۇش بىلەن تونۇلغان ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى «خىتاي ئىشلار كومىتېتى» نىڭ رەىسلىكىگە تەيىنلەندى.

دۆلەت مەجلىسى رەئىسى جون بېينىر كرىستوفىر سىمىتنى «ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ئىسلاھاتىنى ئالغا سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتقان شەخس» دەپ كۆرسەتتى.

كرىستوفىر سىمىت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا بولسا، خىتاينىڭ «ئۆزىنى دېموكراتىيىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئۆلگە قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، دېموكراتىك پاالىيەتچىلەرنى، دىندارلارنى، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى، پىلانلىق تۇغۇت كىنىشكىسى ئالمىغان ئاياللارنى، تور پاالىيەتچىلىرىنى ۋە باشقىلارنى جازالاۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ، «خىتاي ئىشلار كومىتېتى كەمسىتىشكە دىققەت قوزغاش، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى ب د ت نىڭ «ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى»، «خەلقئارا پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئاساسى ئۆلچەملەرنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىشتا مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلدى» دەيدۇ.

كۆزەتكۈچىلەر، كرىستوفىر سىمىتنىڭ مەزكۇر كومىتېتقا رەئىسى بولۇشى، ئۇنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە پوزىتسىيىسى قاتتىقلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/xitay-komutiti-08122011191206.html/story_main?encoding=latin