د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكادا بىر نەچچە چوڭ ئۇچرىشىشلاردا بولدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

6-ئاپىرىلدىكى بۈيۈك نامايىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا نامايىشتىن كېيىن ئامېرىكىدا يەنە بىر نەچچە چوڭ ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

بۇلارنىڭ بىرى ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات بىلەن بىللە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ئەلىس ۋەللس خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىش.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەللس خانىم سۆھبەت جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى ۋە خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا كۆلەملەشتۈرگەن لاگېر مەسىلىسىگە ئالاھىدە قىزىققان.

ۋەللس خانىم 8-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن تۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن دولقۇن ئەيسا ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى ئاڭلىغايسىلەر.