د ئ‍ۇ ق ئاخباراتى : بارىن ئىنقىلابىنىڭ 29 – يىللىقىنى خاتىرلەيمىز

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ​

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلىرىمىز، خىتاي كوممونىست ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان دەھشەتلىك ئېغىر زۇلمى، سىياسى بېسىمى، ئىرقىي كەمسىتىشى، مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى يوقۇتۇش سىياسىتىگە قارشىي قوزغۇلۇپ، كۈرەشچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە جەڭگىۋار ئەجداتلىرىمىزنىڭ زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە تېز پۈكمەيدىغان كۈرەشچان روھىنى نامايەن قىلغان ئىدى.

بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ 29 – يىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئىسسىق قانلىرنى پىدا قىلغان زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى پۈتۈن شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەيمىز.

مىللىتىمىزنىڭ شەرىپىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلغان، خىتاي تۈرمىلىرىدە ۋە جازا لاگىرلىرىدا زۇلۇم چىكىۋاتقان، ئەمما باش ئەگمىگەن قەھرىمان ئوغۇلقىزلىرىمىزغا ئاللاھدىن غەيرەت ۋە سەبىر تىلەيمىز.

بارىن ئىنقىلابى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ فاشىستلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان شانلىق بىر ئىنقىلاپ ئىدى. شۇندىن بۇيان بارىن ئىنقىلابى، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىلھام مەنبەسىگە ئايلاندى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنىڭ مەڭگۈ سۇنمايدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى.

بىز ھەر يىلى بۇ شانلىق ئىنقىلابىمىزنى ئىپتىخار بىلەن خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، مىللەتنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇئارمانى يولىدا ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغان شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز. زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى قەھرىمان ئوغلانلىرىمىزغا ئىھتىرام بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي مۇستەبىتلىرى تەرىپىدىن بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقتا قۇربان بولغان مىڭلىغان ئاتائانىلار ۋە نارىسىدە بالىلارغا جانابى ئاللاھتىن ئۇ دۇنيالىق رەھمەت تىلەيمىز. خىتاي زىندانلىرىدا ۋە جازا لاگىرلىرىدا ھېلىمۇ ئەرزىيەت چېكىۋاتقان پىداكار ئەزىمەتلەرگە ئەرك تىلەيمىز.

بارىن ئىنقىلابى، يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى مىللىي كۈرۈشىمىزنىڭ ئىلھام بۇلىقى، ئۇيغۇر خەلقى بۇ شانلىق كۈرەش داستانىنى ئەبەدىيەن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئەتىدۇ ۋە زايدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ئەزىز شەھىدلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋارىسلىق قىلىدۇ!

ھۆرمەت بىلەن : دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى