سېرىكجان بىلاشئوغلى: قازاقلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇپمۇ ئادالەت ياقلىشى ئوخشاشلا رىقابەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئالمۇتا شەھەرلىك ئەدلىيە باشقارمىسىنىڭ،«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ باشلامچىسى قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى ئۈستىدىن ،ئالمۇتا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرزى سۇنۇشى بىلەن 12- ۋە 13-فېۋرال كۈنلىرى ئېچىلغان سوتتا سېرىكجان «قانۇنسىز تەشكىلاتقا باشچى بولۇش» دېگەندەك ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچراپ، 700 دوللار جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. سېركجان سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئەرز سۇنغان بولۇپ، 5-مارت قايتا سوت ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمما سوت يەنىلا سېركجان ئۈستىدىكى قارانى ساقلاپ قالغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سېركجان: «گەرچە قازاقلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇپمۇ ئادالەت ياقلىشى ئوخشاشلا رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەقلىق دەۋايىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئاڭلىتىلىشىغا تۆھپىسى بولماقتا» دەيدۇ.

5-مارت كۈنى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، ئالمۇتا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدە قايتا سوتقا چىققان سېرىكجاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 12-فېۋرالدىكى سوتنىڭ سېرىكجاننى قانۇنسىز تەشكىلات پائالىيىتى بىلەن ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ سۇنغان ئەرزى رەت قىلىنىپ، سوت مەھكىمىسى ئۆزى ئۈستىدىكى ئەينى قارارنى ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇچى تەرەپ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا شەھەرلىك ئەدلىيە باشقارمىسى بولۇپ، سېرىكجاننىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، گەرچە قازاقىستان قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر، شەخسلەرنىڭ ساخاۋەت-پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پىدائىيلار گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئەدلىيە باشقارمىسى ئالمۇتا مېدىۋ ساقچى مەھكىمىسى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان سېرىكجاننىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ تەمىنلىگەن بىر قاتار ۋىدىيولۇق ئىسپاتلار ئارقىلىق ئۇنى يەنىلا قانۇنسىز تەشكىلاتقا باش بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىكەن.

سېرىكجان ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ قازاقىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە «ئاتا يۇرت» نى تەشكىلات سۈپىتىدە تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلىپىنى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز تەلىپىنىڭ ئىزچىل رەت قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

سېرىكجان بىلاشئوغلى گەرچە ئۆزى ۋە «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» غا ئارتىلغان ئەيىبلەشلەرگە قارشى قىلغان دەۋاسى بۈگۈن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك مەيۈسلەندۈرىۋاتقىنى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ لاگېرلاردىكى قازاقلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان دەۋا پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىمۇ ئوخشاشلا بەلگىلىك توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سېرىكجان 5-مارت كۈنىدىكى سوت مەيدانىدا بىر تۇيۇقسىز ئۆلۈم پاجىئەسى يۈز بېرىپ، ھەممىنى ئېچىندۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. يەنى، 5-مارت ئالمۇتا شەھەرلىك سوتتا مەخسۇس سېرىكجاننى ۋە «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نى قوللاش ئۈچۈن سوت مەھكىمە بىناسىغا كىرگەن ئاكتىپ قازاق زىيالىيسى ۋە ئىجتىمائىي تورلاردا خىتاينىڭ قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ يازمىلارنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان، 60 ياشلار چامىسىدىكى قازاق تور يازغۇچىسى، ناغاشباي ئېسمىرزا ئەپەندى سوت بىناسى ئىچىدە تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ قازا قىلغان. سېرىكجان ئۆزى قارىلانغان سوت مەيدانىدا يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەدىن قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېرىكجان تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» گۇرۇپپىسىنى قانۇنسىز دەپ شىكايەت قىلىپ ئىمزالىق ئەرز سۇنغۇچىلار ئىچىدىكى قازاقىستاندا تونۇلغان يازغۇچى قۇديار بىلال بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇديار بىلال سېرىكجان ئۈستىدىن سوت ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، سوتتا ئۇنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىدىن باشقا ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز ئۇنىڭدىن «سىزمۇ ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى ۋە سېركجاننى قانۇنسىز پائالىيەت قىلدى دەپ شىكايەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرىمۇ؟» دەپ سورىغان سوئالىمىزغا ئۇ «ياق مەن ئەمەس، خەۋىرىم يوق» دەپ جاۋاب بەردى.

– «ئۇنداقتا سىزنىڭ شىكايىتىڭىز نېمە؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ: «بۇ باشقا مەسىلە، ئۇ سوتتا ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى، بۇ مەمۇرىي جەھەتتىن كۆرۈلگەن چارىغۇ» دەپ بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن خىتاي تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان قازاقلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئىنكاسىنى سورىغىنىمىزدا ئۆزىنىڭ بۇلاردىن خەۋىرى بارلىقى بىلدۈرۈپ: «بۇ خەلقئارالىق مەسىلىغۇ؟ مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان مەسىلىلەر ئۇ. خەلقئارادا خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ئەيىبلەۋاتقانلار بار. قازاقلارنىڭ قايتىپ كېلىش مەسىلىسى، بۇلارنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ئاڭلىتىۋاتىدۇ ياكى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزنىڭ خىتاينىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە قارىتىش ئۈچۈن ئاڭلىتىۋاتقان مەسىلىلەر. ئىنشائاللا بىر شەكىلدە نەتىجىسى بولار.» دېدى.

ھالبۇكى سېرىكجان «ئۆزى ۋە قازاقلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىنى قىلىۋاتقان ئاتا يۇرت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بار» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. سېرىكجاننىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە تورلاردا «خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈتتە تۇرغانلار مىللىي مۇناپىقلار بىلەن باراۋەر» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرىنى، ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇم دەپ چۈشەنگەن بىر قىسىم قازاق زىيالىيلار، ئۇنىڭ ئۈستىدىن «قازاق زىيالىيلىرىنى ھاقارەت قىلدى، يۈز ئابرۇيىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى» دەپ ئوپچە شىكايەت قىلغان ئىكەن. ئۇلار، قازاقلارنىڭ خىتايدا لاگېرلارغا قامىلىش مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان ۋە خىتاينى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەش تەرەپدارلىرى ئىكەن.

قۇديار بىلالدىن، «ئاتا يۇرت» نىڭ بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىشتا ئويناۋاتقان رولىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ جاۋابەن «ئاتا يۇرت بۇ مەسىلىلەرنىڭ قانداق بولغىنىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇ تەرەپتىن كەلگەن ئېزىلگەن ئورالمانلار لاگېرلارنىڭ بارلىقىنىمۇ، ئۇ يەرلەرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇ مەسىلىنى ئۇلار ياخشى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ يەردىكى قارشىلىقلار كۆزقاراش سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ. ئورالمانلارنىڭ تارتىشمىلىرى، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەھۋاللىرى ۋە ئوخشىمىغان قاراشلار سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ. بۇ يازغۇچىلارنىڭ كۆزقاراشلىرىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى تۇغدۇرغان. بۇ مەسىلىلەرنى سوتقا ئېلىپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق ئەسلى. ئەسلى ھەممىسى بىللە قىلسا بولىدۇ» دېدى.

«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ بەزى زىيالىيلارنىڭ نارازىلىقى ھەتتا قارشىلىقىغا ئۇچرىشىدىكى سەۋەبى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن قۇديار بىلال: «مەن ئۇلارنىڭ قوغدىنىش ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمەن. ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرىغا نارازىلىقىمىز يوق. بۇنىڭدا ئورالمانلارنىڭ بارلىق قاراشتىكىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋاسىز يۈرگۈزۈش، يەنى ئۆزئارا ياراشقان ھالدا ئىش ئېلىپ بېرىش كېرەك، دېگەن قاراشتامىز. ئورالمانلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھەر خىل كۆز-قاراشلار بار. بۇ قاراشلار ئاتا يۇرتقا كەلگەن ئىجابىي قاراشلارنى توسۇۋالغىنى يوق. مەملىكىتىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىلەرنى تۇتۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن كەچتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىمۇ ئېيتتى. شۇلارنىڭ كۆزقارىشى بويىچە ھەل قىلىش كېرەك دەپ ئويلايمەن».

قۇديار ئەپەندى گەرچە ئۆزىنى سېرىكجاننىڭ قانۇنسىز تەشكىلاتقا باش بولغانلىقى ھەققىدىكى شىكايەتكە ئىمزا قويغانلاردىن ئەمەس دەپ ئېيتقان بولسىمۇ، «ئاتا يۇرت» ياكى سېركجاننىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ كەسكىن قىلىپ: «ئاتا يۇرت قوغدىنىش ئۆيىمۇ مەملىكەتنىڭ تۈزۈمى بويىچە تىزىملىنىشى كېرەك، بۇ يەردە كۆزقاراشلار ئايرىمىچىلىقى بار. خىتاينىڭ ھەر ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئورالمانلار بار. ئۇلارنىڭ ھەر يەردىكى ئىچكى ئەھۋالى ھەر خىل بولۇشى كېرەك. ھەممىسى بىرلىشىپ ئىش قىلىشى كېرەك. بىزنى ئەنسىرىتىۋاتقىنى ئورالمانلارنىڭ ئىچكى مەسىلىسى. باشقا قارشىلىقىمىز يوق، سېرىكجانغىمۇ قارشىلىقىمىز يوق.» دەپ جاۋاب بەردى.

سېرىكجان ئىلگىرىكى زىيارىتىمىزدە، ئۆزىگە قارشى شىكايەتتە بولغان قازاقىستاندىكى بىر قىسىم قازاق جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋە خىتاي تەرەپدارلىرى زىيالىيلارنىڭ، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان لاگېرلار ھەققىدىكى بارلىق گۇۋاھلىق ئۇچۇر ۋە ئىسپاتلارنى يالغانغا چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇنى «قانۇنسىز تەشكىلات قۇرۇپ، يالغان ئۇچۇر تارقاتقان»، «خىتاي-قازاقىستان دوستلۇقىغا ۋە قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە يامان تەسىر پەيدا قىلغان»، «قازاق زىيالىيلار ئۈستىدىن ھاقارەت قىلغان» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىككى گۇرۇپپا جەمئىي 27 ئادەمنىڭ ئەدلىيە باشقارمىسىغا ئىمزالىق شىكايەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ 12- ۋە 13-فېۋرال ئالمۇتادا سوتقا چاقىرىلغان ۋە سوتتا ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا سۈپىتىدە 700 دوللار جەرىمانە قويۇلغان ئىدى. سېرىكجان بۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرىقى شىكايەتلەر بويىچە ئۆزىنىڭ يەنە سوتقا چاقىرتىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەيبۇت ئاتامكۇلۇب، -4 مارت ئاستانىدا بەرگەن باياناتىدا، قازاقستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق قازاقنىڭ خىتايدا لاگېرغا سولانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ :« بۇ مەسىلە ئۈستىدە خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر لاگېردىكى قازاقلارنىڭ نىسبىتى 80% ئازايدى » دەپ كۆرسەتكەن .

ياۋرۇ- ئاسىيا تورىنىڭ -5 مارت بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە  دېىيىلىشىچە ، قازاقستان خىتايدا لاگېرلارغا قامالغان قازاقلارنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان« ئاتا يۇرت» تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىنى خەلقئارالاشتۇرماسلىقى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن. ئەنە  شۇ سەۋەبلىك فېۋرالدا بۇ تەشكىلاتقا تىزىمغا ئېلىنمىغان تەشكىلات دەپ جەرىمانە قويۇلغان ئىكەن .