د ئۇ ق ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پىكرى ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 18‏-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ۋە ئىلىم ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان.

د ئۇ ق باياناتتا يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بەزى ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ كاشىلىغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بەزى غەرب دۆلەتلىرىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋە دىپلوماتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدە دوكلات بەرگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھەم تەتقىقاتچىلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە كاشىلا قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

11‏-فېۋرال كۈنى كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش كانادانىڭ مەك-ماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەندە بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ كاشىلىسى ھەم ھاقارىتىگە ئۇچرىغان.

بەزى تاراتقۇلاردا بۇ ۋەقەگە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ قول تىققانلىقى ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆرسەتمە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. د ئۇ ق باياناتتا، مەك-ماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋەقەنىڭ بىردىنبىر ھادىسە ئەمەسلىكنى، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ فىرانسىيەنىڭ سراسبورگ، ئامېرىكىنىڭ دۈك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر خىتايلار تەرىپىدىن كاشىلىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «جىددىي تېمىلارنى ھېچقانداق پاراكەندىچىلىككە، تەقىبلەشكە ۋە ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىماي، ئوچۇق ئاشكارا، ئىجابىي مۇنازىرە قىلىش ئەركىن ۋە باراۋەر بىر جەمئىيەتنىڭ ئاساسىدۇر» دېيىلگەن. 

دولقۇن ئەيسا يەنە «ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە ئىلىم ئەركىنلىكنى قوغداپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلغان كىشىلەرنى زوراۋان چەتئەل كۈچلىرىنىڭ كاشىلىسىدىن قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقى» نى بىلدۈرگەن.