د ئ‍ۇ ق ئاخباراتى : دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتىنىڭ يېڭى چاقىرىقىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ​

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتى تەرىپىدىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان 2019 – يىلى 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان فوتوسۈرەت كۆرگەزمىلىرىنى ئېچىش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇ چاقىرىققا قىزغىن ئاۋاز قوشۇدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

نۆۋەتتە مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە باشقا جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا دېپلوماتىيە جەھەتتە جىددى ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا، مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم ھەرىكىتى» تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئوخشاش ۋاقىتتا بىردەك ھالدا خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان رەسىم كۆزگەزمىلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ دېپلوماتىك ھۇجۇملىرىنى بەربات قىلىش ۋە خەلقئ‍ارا جامائەتچىلىكنىڭ تېخىمۇ كەڭ ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتتە ئىگە !

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن تەشكىلاتلىرىمىزنى، سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنى ۋە خەلقىمىزنى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتىنىڭ چاقىرىقىغا قىزغىنلىق بىلەن ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا ۋە بۇ ھەرىكەتنى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ قۇۋەتلەشكە چاقىرىمىز !

ھۆرمەت بىلەن :

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى