تىجارەتچى مەمەتجان ئېلى رۇستەم قارىھاجىنىڭ جىنازا نامىزىدا تەكبىر ئىشارىتى قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولىۋېلىنغانلارنىڭ كىچىك خاتالىق سادىر قىلغانلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، كونكرېت قانداق بىر خاتالىقنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن گۇمانلىنىشقا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان 40 ياشلار چامىسىدىكى مەمەتجان ئېلىنىڭ ئاتۇشتا بۇنىڭدىن 15 يىللار ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر دىنىي زات رۇستەم قارىھاجىنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىدا شاھادەت بارمىقىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئىشارىتى قىلغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا سولانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ كەنتىدىن لاگېرغا سولانغانلار ئارىسىدا ئىلگىرى قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ئاكا-ئۇكا تىجارەتچىلەردىن مەمەتجان ئەلى بىلەن ئۆمەر ئەلىنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى. 2017‏-يىلى 3‏-ئايدا ئاتۇشقا تېلېفون قىلغان ۋاقتىمىزدا ئاتۇشتىكى دائىرىلەرنىڭ ئاھالىلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە قىستىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. سۈنتاغ كەنتىدىكى مەزكۇر ئاكا-ئۇكا تىجارەتچىلەرنىڭ دائىرىلەرنىڭ قىستىشى بويىچە ۋە ياكى ئۆزلىكىدىن قايتىپ كەلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەزكۇر ئاكا-ئۇكا ئائىلىسىدىن جەمئىي بەش كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تېخى يېقىندا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن سانىيە ئەلىنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئاكا-ئۇكىلاردىن مەمەتجان ئەلى بۇنىڭدىن 15 يىللار ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتۇشتىكى ئاتاقلىق دىنىي زات رۇستەم قارىھاجىنىڭ جىنازا نامىزىدا شاھادەت بارمىقىنى چىقىرىپ، تەكبىر ئىشارىتى قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان. 

خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر يىغىۋېلىش لاگېرىنى بىر تەرەپتىن نورمال «كەسپىي تەربىيە مەكتىپى» دەپ تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، لاگېرغا سولىۋېلىنغانلارنىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىكتىن يۇقۇملانغانلار» ۋە قانۇنغا يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ بىر جازا لاگېرى ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى. ئەمما كونكرېت قانداق بىر ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇنغا يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. ئالدىنقى يىلى يېڭىساردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا دائىرىلەرنىڭ ئوغلىنى ھاراقتىن توسقان بىر بوۋايغا 11 يىللىق قاماق جازاسى، دوستىغا ياغلىق چىگىشنى تەۋسىيە قىلغان ھۆرىگۈل ناسىرغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

دائىرىلەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى» ناملىق قوللانمىدا ئۇشتۇمتۇت ھاراق تاشلىۋېتىش، كەنت كادىرلىرىغا سالام بەرمەسلىك قاتارلىق ئادەتتىكى تۇرمۇش ھادىسىلىرى ساناپ ئۆتۈلگەن، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە شاھادەت بارمىقىنى چىقىرىش، يەنى تەكبىر ئىشارىتى قىلىش تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.