لاگېرلارغا قامالغان ئىككى مىڭ قازاق مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغاندىن بۇيان چەتئەل پۇقرالىقىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مۇشۇ خىل لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە قىيناققا دۇچار بولۇشى ھەققىدە كۆپلىگەن مىساللار مەلۇم بولدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا بىر قىسىم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى، بولۇپمۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىملاپ سۆھبەتلەردە بولدى. 9-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئىككى مىڭ قازاق تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقى لاگېرلار ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەر سۈپىتىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق چاقماق تېزلىكىدە تارقالدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 9-يانۋار ئالمۇتا شەھىرىدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى قازاق مەھبۇسلاردىن ئىككى مىڭ كىشىنى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى ئېيتقان. قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ «بۇ ئىككى مىڭ كىشى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ خىتاي ۋەتەنداشلىقى بىكار قىلىنىپ، قازاقىستان ۋەتەنداشلىقى ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلىدۇ» دېگەن. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي قازاقلار ياكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئېيتىلمىغان.

ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن سەدىردىن ئەپەندى بۇ خەۋەردىن تولىمۇ سۆيۈنگەن ھەم دىلى غەش بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى. قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن سەدىردىن مىسىردا ئوقۇش جەريانىدا ئاتۇش شەھىرىدىن قاھىرەگە ئوقۇشقا كەلگەن مۇيەسسەر بىلەن تونۇشقان. 2007-يىلى ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن قازاقىستاندا بەختلىك ئائىلە بەرپا قىلىپ ئۈچ پەرزەنتكە ئاتا-ئانا بولغان ئون يىل جەريانىدا مۇيەسسەر كۆپ قېتىم قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئىلتىماس سۇنغان. ئەمما مۇيەسسەرنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا قازاقىستان ۋەتەنداشلىقى بېرىلمىگەن. 2016-يىلى مۇيەسسەر ئۈرۈمچىدە ئۆزىنىڭ خىتاي پاسپورتىنى يەڭگۈشلەپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ «داداڭ بىزنىڭ قولىمىزدا. تېزدىن قايتىپ كەلمىسەڭ ئاقىۋەتكە ئۆزۈڭ مەسئۇل بول» دېگەن تەھدىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتقان. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنچە ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان.

سەدرىدىن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى مىڭ قازاق مەھبۇسنى قازاقىستانغا يولغا سېلىپ قويۇش ھەققىدىكى ۋەدىسى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۆزىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ پۈتۈنلەي قازاقىستان پۇقراسى ياكى ئولتۇرۇم رۇخسىتى ئالغان كىشىلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاندىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى خىتاي-قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھەرقاچان «بىر بەلۋاغ-بىر يول قۇرۇلۇشى» دىكى مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرىنى دىققەتتىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە «بۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر باشلىنىش بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، ئۆتكەن يېرىم ئەسىر مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قازاقلارنى كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى بېسىش» چارىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ئوتتۇرىسىغا ئۆچمەنلىك تۇغدۇرۇش ھىيلىسى زور ئۈنۈم بەرگەن. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قامىلىشى بىلەن بۇ خىل سۈنئىي ئۆچمەنلىكنىڭ ئورنىنى ئورتاق بىرلىك تۇيغۇلىرى ئېلىشقا باشلىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تۈركۈم قازاق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىش ھەمدە بۇ بىرلىكنى بۇزۇۋېتىشنى كۆزلىگەن بولۇشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىكەن.

چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇرشۇناس ئۆندرېي كلېمىس ئىككى مىڭ قازاق تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغان بولسىمۇ، بۇنىڭ قايسى دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

«ئىككى مىڭ قازاق تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىپ قازاقىستانغا يەرلەشتۈرۈلىدىغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ بىر خۇشخەۋەر. مەن بۇنى ئۇتۇقلۇق ئەمەلگە ئاشسىكەن، دەپ ئارزۇ قىلىمەن. شەخسەن ئۆزۈم بۇ يېڭى نەتىجىنى خىتاي-قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى نەتىجىسى، دەپ قارايمەن. چۈنكى شىنجاڭدا ياشايدىغان قازاقلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قازاقىستان دۆلىتى بار. بۇ دۆلەت ھېچبولمىغاندا بۇ قازاقلارنىڭ گېپىنى ۋە داۋاسىنى قىلىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بولسا خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سودا دېگەندەك كۆپ تەرەپلىمە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا ئۇلار ‹تەربىيەلەش مەركىزى› ياكى ‹يىغىۋېلىش لاگېرى› غا قامالغان قازاقلارنىڭ غېمىنى قىلدى. بۇ ئەلۋەتتە ئۇ كىشىلەر ئۈچۈن ياخشى بولدى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى تەنقىد سادالىرىغا قۇلاق سېلىشىنى، شۇنىڭدەك لاگېرلارغا قامالغان بارلىق بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا مىللەت تۇتقۇنلىرىنى قويۇۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ۋە پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدىكى زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇشىنى، شۇ ئارقىلىق ئەركىنلىك يولىغا مېڭىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى قانداق سەۋەبلەردىن بولسۇن دەسلەپكى قەدەمدە بىر تۈركۈم قازاق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە پىكىر قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ ھادىسىدىن ۋەتەنسىزلىكنىڭ نەقەدەر ئېغىر قىسمەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەمما ئىلشاتنىڭ پىكرىچە، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ يېتەرلىك سەۋەنلىكلەر ئۆتمەكتە ئىكەن. جۈملىدىن لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر بولسىمۇ بۇ ھەقتىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىشتا قازاقلارچىلىك بولالماسلىق، شۇنىڭدەك خېلى كۆپ ئۇيغۇرنىڭ ھېلىھەم خىتايدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمەسلىكنىڭ زىيىنى بەكمۇ ئېغىر بولماقتا ئىكەن.

لاگېرلاردىكى ئىككى مىڭ قازاق تۇتقۇننىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. قازاقىستاندىكى سەدرىدىن ئەپەندى يېقىندا ھۆرلۈككە چىققۇسى بۇ تۇتقۇنلار ئارىسىدا ئايالىنىڭ بارلىقىدىن شۈبھىدە. ئەمما ئۇ تاكى ئايالى ھۆرلۈككە چىقمىغۇچە ئۆزىنىڭ ئۇنى قۇتقۇزۇش يولىدا قولىدىن كەلگەن ھەممە تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەچ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا قازاق پۇقرالىرىغا ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئىككى مىڭ قازاق مەھبۇسى ھۆرلۈككە چىقىش ھارپىسىدا قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە مۇشۇنداق بىر تەلىپى بارلىقىنى بىلدۈردى.