ئۇيغۇرشۇناس جەي داۋچېر ۋە ئۇنىڭ «تار كوچا» سۆيگۈسى (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەرھۇم ئۇيغۇرشۇناس جەي داۋچېرنىڭ «تار كوچىنى بويلاپ: شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردا كىملىك ۋە ئەركەكلىك» ناملىق كىتابى ئۇنىڭ 1999-يىلى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلىي شۆبىسىدە ياقلىغان دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى ئاساسىدا تەييارلانغان. مەزكۇر ئەسەر ئۇنىڭ غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتلىق ماكانىدىكى بىرنەچچە يىللىق ئەمەلىي ۋە بىۋاسىتە تۇرمۇش تەجرىبىسى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، ئاپتور ھەممىدىنمۇ بەكرەك زېھىن قويغان نۇقتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەرلەرنى مەركەز قىلىش ۋە ئەرلەرنىڭ يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇش يۈزلىنىشى بولغان. بولۇپمۇ ئائىلىۋى ھاياتتىن تاكى جەمئىيەت سەھنىسىدىكى پائالىيەتلەردە، جۈملىدىن ئىسلام يوسۇنىدىكى تەقۋادارلىقتا ئەرلەرنىڭ مەركىزىي ئورۇندا تۇرۇپ كېلىشى ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قېلىشى ئۇنى بەكمۇ قىزىقتۇرغان.

مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ۋە ئېتنوگرافىيەلىك ماتېرىياللاردا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە ئوخشاش قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا قەھرىمانلىقنى ئۇلۇغلاشتەك قەدىمىي ئەنئەنىگە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن قورقۇمسىزلىق، باتۇرلۇقنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە «كۆك بۆرە» ئوبرازى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن «ئوغۇزخان» داستانى، شۇنىڭدەك «كور ئوغلى» قاتارلىق خەلق داستانلىرىنىڭ ئەسىرلەر بويى ئۇنتۇلماي كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە قەيت قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەركەكلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش خاھىشى زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلىشىپ ماڭغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر ھاياتىدا يەنىلا بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى ساقلاپ كەلگەن.

بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا مەرھۇم جەي داۋچېرنىڭ يېقىن دوستى، ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋىڭدون ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان ئەرلەرنى مەركەز قىلىش ھادىسىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان جەي داۋچېرنى بەكمۇ قىزىقتۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خۇددى مۇسۇلمانلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان باشقا جەمئىيەتلەرگە ئوخشاش جىنسىي ئايرىمىچىلىق مەۋجۇت. مېنىڭچە، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ مەسىلە ھەققىدە باشقىچە قاراشتا ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. ئۇ جايلارغا بارغان كۆپلىگەن ئەر تەتقىقاتچىلار ئەرلەر توپىغا ئارىلىشىشنىڭ ئاياللار توپىغا قارىغاندا كۆپ ئاسان ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇنىڭدا قىسمەن ئەھۋاللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولسىمۇ ئەمما كۆپىنچە جايلاردا شۇنداق. شۇڭا جەي داۋچېر ئۇچراشماقچى بولغان بۇ توپتىكى ئىنسانلار ئاساسلىقى مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتىكى كىشىلەر ئىدى. مېنىڭچە، ئۇ يەنە جىنس ئايرىمىسىنىڭ بۇ جايلاردا تەبىئىي بىر كاتېگورىيە ئەمەسلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ھەرقاچان جىنس بويىچە ئىككىگە ئايرىلىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھالىتىدە ئەمەسلىكىنى بايقىغان، دەپ قارايمەن. ئەمەلىيەتتە ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي توپلىرى ۋە ئوخشىمىغان جىنستىكىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا پائالىيەتلىرى بولغان. مەسىلەن ئالساق، ئۇيغۇر ئاياللىرى ‹چاي› ئويناش ئارقىلىق باشقا ئاياللار بىلەن ياكى جەمئىيەت بىلەن ئارىلىشالايدۇ. ئەرلەر بولسا رېستورانلار ياكى باشقا جايلاردىكى ھەر خىل ‹ئولتۇرۇش› لار ئارقىلىق دوست-يارەنلىرى بىلەن سورۇن تۈزۈپ ھال-مۇڭ قىلىشىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە جەي داۋچېر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە گەپ باشلاشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بۇ خىل جىنس ئايرىمىچىلىقى ئاساسىدىكى مەدەنىيەت ھەمدە ئۇيغۇرلاردا ئەرلەرنىڭ ئەركەكلەرچە تۈستىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەرپا قىلىپ چىققانلىقىنى ھېس قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە مول مەزمۇنلۇق مۇشۇنداق بىر كىتابنى يېزىپ چىقالىغان.»

1990-يىللاردا ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي كىملىك ھەققىدە ئىزدەنگەن ئالىملاردىن جەي داۋچېر ۋە «بوستانلىقتىكى كىملىك: يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى» (كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1998-يىلى) ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى جاستىن رۇدېلسوننى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئەمما پروفېسسور گاردنېرنىڭ پىكرىچە، بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئىزدىنىش نۇقتىسى ۋە ئوبيېكتى ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي روھ ۋە مىللەتچىلىك مەسىلىلىرىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن دوكتور جاستىننىڭ بەزى قاراشلىرى شۇ ۋاقىتتىمۇ بەزىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

«جاستىن رۇدېلسون ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندىكى نەچچە يىللىق ئەمىلى تەكشۈرۈش ئاساسىدا ‹بوستانلىق كىملىكى› تېمىسىدىكى دىسسېرتاتسىيە ۋە كىتابنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئۇ ئەسىرىدە ئوخشاش بولمىغان بوستانلىقلاردىكى ئۈرۈمچى، تۇرپان، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئۆزىگە خاس زىيالىيلار توپى، شائىرلار توپى، مۇزىكانتلار توپى دېگەندەك توپلارنىڭ بارلىقىنى، سىرتتىن قارىغاندا بىرلا خىل ئورتاق شەكىلگە ئىگىدەك كۆرۈنىدىغان ئۇيغۇر مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكى ياكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزئارا رىقابەتكە چۈشكەن مىللەتچىلىك تارماقلىرىغا پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ مۇنداق ئىككى مەسىلىنى كۆرسىتىدۇ: بىرى، ھەرقايسى بوستانلىقلارنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش باتۇرلىرى ۋە سىمۋوللۇق مەدەنىيەت ئوبرازلىرى بولغان؛ ئىككىنچىسى، مىللەتچىلىكنىڭ سىياسىي پائالىيەت سۈپىتىدە ھەمدە ئەمەلىي يوسۇندا جارى بولۇش جەريانىدا ھەرقايسى بوستانلىقلاردىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ، ئۆز باتۇرلىرىنىڭ مۇشۇ خىل ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدىكى رەھبەرلىكتە ئەڭ مۇھىم شەخسلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا بەسلەشكەن. ئۇ مۇشۇ خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاشۇ يىللاردا بەزىلەر بۇ خۇلاسىگە ئانچە قوشۇلۇپ كەتمىگەن. ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ بۇ ھەقتە بەزى ئۆزگىچە قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم. يەنى مېنىڭ قارىشىمدا ئۈرۈمچىدە ھەرقايسى بوستانلىقلاردىن كەلگەن ئوخشاش بولمىغان زىيالىيلار، مۇزىكانتلار دېگەنلەر ئۆزئارا ئۇچراشقان ھەمدە بۇ جەرياندا ئۆزلىرى ئورتاق بەھرىمەن بولالايدىغان نەرسىلەرنىڭ بەسلىشىدىغان نەرسىلەردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ھېچبولمىغاندا ئۈرۈمچى بوستانلىقىدىكى ئۇيغۇرلاردا مۇشۇ ئەھۋال مەۋجۇت بولغان. مەن ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.»

ئەمما پروفېسسور گاردنېر بوۋىڭدوننىڭ پىكرىچە، جەي داۋچېر بىۋاسىتە ھالدا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئەمەس، بەلكى شۇنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك بىرلىكلەردىن بولغان مەھەللىۋى كىملىكنى قېزىپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يورۇتۇشقا ھەسسە قوشۇشنى تاللىۋالغان. چۈنكى جەي داۋچېرنىڭ نەزىرىدە تار كوچىلار بىلەن تولغان ئاشۇ ئۇيغۇر مەھەللىلىرى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋەتتە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە يوقىلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن.

«مېنىڭ بىلىشىمچە، جەي داۋچېر ئۇ جايلارغا بارغان كۆپلىگەن ئالىملار قىزىقىدىغان ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتچىلىك ياكى مىللىي توقۇنۇش دېگەنلەرگە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ سازەندىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن، يەنە كېلىپ ‹ئەركەك› بولغان پالۋان سۈپەت يىگىتلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە، شۇلاردىن ئۇلارنىڭ ئاشۇ مەدەنىيەت كىملىكىنى قانداق بەرپا قىلىپ چىققانلىقىنى ئۆگىنىشكە بەكرەك قىزىققان. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي دۇنياسى، ئۇلارنىڭ كىملەر بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قەيەردىن ئىش ئىزدەيدىغانلىقى دېگەندەك تەپسىلاتلارنى ئىگىلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر پۈتكۈل شەھەرنىڭ ئەمەس، بەلكى كۆلەم جەھەتتە شەھەرلەردىن كۆپ كىچىك بولغان مەھەللىلەرنىڭ ھەممىدىنمۇ بەكرەك سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ خىل مەھەللىلەر ھەرقاچان شۇ جايدىكى ئاساسلىق مەسچىت، داڭلىق بازار دېگەندەك شەيئىلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولىدۇ. شۇڭا جەي داۋچېرنىڭ نەزىرىدە ‹مەھەللىۋى كىملىك› ئۇ كۆرگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ھېسابلانغان. نېمىشقا دېگەندە ئۇ غۇلجىدىكى ناتونۇش ئۇيغۇرلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا ھەرقاچان قايسى مەھەللىدىن ئىكەنلىكىنى سورايدىغانلىقىنى كۆپ كۆرگەن. شۇڭا ئۇ ئۆزى تۈزۈپ چىققان كاتېگورىيەنى ئۇلارغا تەتبىقلاشنىڭ ئورنىغا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى كۆپرەك ئاڭلىغان ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن نېمىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى رەتكە تىزىپ چىققان. بۇ جەرياندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ شەھەر رايونلىرىنى لايىھىلەيدىغان ئورگانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مەھەللىلەرنى ۋە ئۇنىڭدىكى سىمۋوللۇق مەنىلەرنى يوقىتىۋېتىشكە ئالدىراۋاتقانلىقىنىمۇ بايقىغان. شۇڭا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللە چۈشەنچىسىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزلىرىنىڭ مەھەللىۋى كىملىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر كىملىكىنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ ماكانىنى قوغداشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلانغان.»

مەرھۇم جەي داۋچېر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدا «جەي داۋچېر خاتىرە فوندى» نى تەسىس قىلغان. پروفېسسور گاردنېر بوۋىڭدوننىڭ پىكرىچە ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تارىخى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا ئالدىنقى سەۋىيەدىكى ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدا مۇشۇنداق بىر خاتىرە فوندنىڭ تەسىس قىلىنىشى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە قەدەم بېسىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئاخىرقى نىشان قىلغان ئىكەن. بىز ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە خەيرلىك تىلەپ زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق. شۇنداقلا ئۇيغۇرنىڭ تار كوچىلىرىغا مۇھەببىتى سىڭگەن مەرھۇم جەي داۋچېرنى «تار كوچا» نىڭ كۈيلىرىگە ئەبەدىي جۆر بولسىكەن، دەپ ئۈمىد قىلدۇق.