دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» ھەققىدىكى ئاخباراتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ​

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار. سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى»دىن ئىبارەت.

1948 – يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن جەمئىي 30 ماددىدىن تەركىب تاپقان «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى»ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان بۇ باياننامە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ۋە ئىنسانلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى، ھۆررىيىتىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشتىكى تۈپ نىزام ۋە پىرىنسىپ سۈپىتىدە ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ كېلىنمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەر يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دەپ ئېلان قىلىپ، «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى» ئېلان قىلىنغان بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كۈننى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللىي مەۋجۇتلۇقى  ئېغىر تەھدىتكە ۋە ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرى  قاتتىق دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئەسىر مىللەتلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ۋە دات – پەرياتلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىۋېلىش ئۈچۈن  خەلقئارالىق سىياسى زېمىن ھازىرلاپ كەلمەكتە. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى»دىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ساداسىنى ۋە ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلدى.

«دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىنسان ھەقلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسەتلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇ باياننامىنىڭ روھىنى ۋە تۈپ پىرىنسىپلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياغ-ئاستى قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە پۈتمەس – تۈگىمەس بالايى – ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.   مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزگە قارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى بولسا «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى»نىڭ ئوچۇق – ئاشكارە ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ جانلىق ئىسپاتلىرىدىن ئىبارەت. 

بۈگۈن، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرى ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلاندى، «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى»نىڭ پىرىنسىپلىرى بىزگە ئوخشىغان مۇستەملىكە ئاستىدا  ياشاۋاتقان ئەسىر مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بۇلۇپ رول ئويناپ كەلمەكتە. 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، د ئۇ ق تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنى ۋە پۈتۈن سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئەللەردە نامايىش قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاخبارات – بايانات ئېلان قىلىش … قاتارلىق شەكىل ۋە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ يۈرەك سادالىرىنى روشەن ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا تۇيغۇزۇشقا ۋە مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايى قىمىشلىرىنى پاش قىلىشقا چاقىرىمىز !

ھۆرمەت بىلەن :

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ​