ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  12-نۇيابىر

6-نويابىر كۈنى ئېچىلغان «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش يىغىنى» ئاخىرلىشىشى بىلەنلا خەلقئارادا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلار بەس-بەستە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

شۇ قاتاردا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم «مۇسۇلمان دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوغدىمايدۇ؟» تېمىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ماقالە بۈگۈن، يەنى 9-نويابىر كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىگە بېسىلغان. ماقالىدە خىتاينىڭ يىغىن مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىنى «ئىنتايىن گۈزەل، تىنچ ھەم بىخەتەر جاي» دەپ تەسۋىرلىشى «ساختىپەزلىك» دەپ ئەيىبلەنگەن.

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار، ئاخبارات خادىملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ساقتىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

ماقالىدە سوفىي رىچاردسون خانىم ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئەللەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقىنى بېيجىڭ دائىرىلىنىڭ غەرب سۇيىقەستىنى جانلاندۇرۇشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بەردى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۈركىيە گەرچە «شەخسلەرنىڭ قانۇنىي ئاساسسىز تۇتقۇن قىلىنىشى» دەپ سىيپاپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالمىغان.

سوفىي رىچاردسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى قارشى ئېلىش، خىتاي خادىملارنى ئۆزلىرى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشتىن باشقا تاللىشى يوق ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ «ئەكسيوس» تورىغا بېسىلغان مۇناسىۋەتلىك خەۋەردىمۇ ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىنكاسسىز تۇرۇۋېلىشى تەھلىل قىلىنغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە شۇ دۆلەتلەرگە سالغان زور سوممىلىق مەبلەغلىرى ئۇلارنىڭ سۈكۈتنى تاللىشىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى ئىكەن.