2018 – يىللىق ئىستىقلال مارشى مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 11-ئاينىڭ1-كۈنى ​

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا باشلىتىلغان 2018 – يىللىق «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى»نى باھالاش خىزمەتلىرى تاماملاندى ۋە مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن شەخىس ۋە گۇرۇپپىلار بېكىتىپ چىقىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا ئىستىقلال مارشىمىزنى كەڭ دائىرىدە ئوموملاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ياش – ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ مىللىي ئېڭىنى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق تۇيغۇلىرىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، 2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» پائالىيىتىنى رەسمىي تۈردە باشلىغان، شۇنداقلا بۇ شەرەپلىك ۋە ئەھمىيەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئادىل بىر شەكىلدە باھالاپ چىقىش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم شائىرلىرىمىز، ئەدىپلىرىمىز، سەنئەكارلىرىمىز ۋە كومپوزىتورلىرىمىزدىن تەشكىل تاپقان تەرەپسىز بىر باھالاش ھەيئىتىنى قۇرۇپ چىققان ئىدۇق.

ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتى، 2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى باھالاش خىزمەتلىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىدى ۋە نومۇر قويۇپ باھالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنى ئاخىرقى قېتىم بېكىتىپ چىقتى.

ئەسلى پىلان بويىچە، 2018 – يىللىق «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» شەخىسلەر، ئائىلىلەر ۋە كوللىكتىپ بولۇپ 3 كاتىگورىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى، ئەپسۇسكى ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسى بىلەن بۇ يىللىق مۇسابىقىگە ئائىلىلەر كاتىگورىيەسىدىكىلەر قاتنىشالمىدى، شۇڭا باھالاش شەخىس ۋە كوللىكتىپ ئىككى كاتىگورىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلدى.

ھازىرغا قەدەر يۇقارقى ئىككى كاتىگورىيە بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋە ئەسەر ئىۋەتكەنلارنىڭ ئومومىي سانى 200 نەپەرگە يېقىن بولۇپ، باھالاش نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە :

كوللىكتىپ كاتىگورىيە بويىچە دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر :

1) تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى تاڭنۇرى تەلىم – تەربىيە مەركىزى گۇرۇپپىسى

( بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن مەزكۇر گۇرۇپپا 1500 ياۋرو نەق پۇل بىلەن ۋە ھەر بىر گۇرۇپ ئەزاسى ئىستىقلال مارشى مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ )

2)  ئىستانبۇل ئوقۇغۇچىلىرى ئا گۇرۇپپىسى

( ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن مەزكۇر گۇرۇپ 1000 ياۋرو نەق پۇل بىلەن ۋە ھەر بىر گۇرۇپ ئەزاسى ئىستىقلال مارشى مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ )

3) تۈركىيە يېڭى ئەۋلات گۇرۇپپىسى

( ئۈچۈنچىلىككە ئېرىشكەن مەزكۇر گۇرۇپ 500 ياۋرو نەق پۇل بىلەن ۋە ھەر بىر گۇرۇپ ئەزاسى ئىستىقلال مارشى مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ )

شەخىسلەر كاتىگورىيەسى بويىچە دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر :

1) سۈمەييا ئۆمەر ( تۈركىيە )

( بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن سۈمەييا ئۆمەر 500 ياۋرو نەق پۇل ۋە ئىستىقلال مارشى مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ )

2) ئايىشە ئابىدىن ( تۈركىيە )

( ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ئايىشە ئابىدىن 350 ياۋرو نەق پۇل ۋە ئىستىقلال مارشى مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ )

3) مۇھەممەت ئادىل ( تۈركىيە )

( ئۈچۈنچىلىككە ئېرىشكەن مۇھەممەت ئادىل 200 ياۋرو نەق پۇل ۋە ئىستىقلال مارشى مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ )

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 2018 – يىللىق ئىستىقلال مارشى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ۋە دەرىجىگە ئېرىشەلمىگەن پۈتۈن ماھىرلىرىمىزنىڭ ھەر بىرىگىمۇ «ئىستىقلال مارشى مېدالى »تەقدىم قىلىنىدۇ.

رەسمىي مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى، 2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى كەچتە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە دۇنيادىكى 22 دۆلەتتىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ قېتىمقى ئىستىقلال مارشى مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيەدە بولغىنى ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن 11  ئاينىڭ 12 – كۈنىمۇ ئىستانبۇلدا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇكاپات سوممىسى ۋە مېداللار دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلىرىمىزغا بىۋاستە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 2018 – يىللىق ئىستىقلال مارشى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان پۈتۈن ماھىرلىرىمىزغا، ئۇلارنىڭ قەدىردان ئاتا – ئانىلىرى ۋە سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىغا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز!

2019 – يىللىق ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى پائالىيىتىنىڭ دائىرىسى تەېخىمۇ زور بولىدۇ ۋە مۇكاپات سوممىسىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ، كىلەر يىللىق مۇسابىقە، شەخىس، ئائىلە ۋە كوللىكتىپ بولۇپ 3 كاتىگورىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە 2019 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتى رەسمىي تۈردە ئەسەر قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ.

ھۆرمەت ۋە ئەھتىرام بىلەن :

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتى