«خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» ب د ت نى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  27-ئ‍ۆكتەبىر

ئامېرىكىدىكى «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى 25‏-ئۆكتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» مۇناسىۋىتى بىلەن دوكلات سۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىگە جىددىي قاراش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

«خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ 200 بەتلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۆتكەن ئىككى نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، سىياسىي، مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىغا دائىر تەكلىپ پىكىر ۋە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىنغان. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئىككى نۆۋەتلىك يىغىندا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىجرا قىلمايلا قالماي، ئۇنىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى تەكىتلەنگەن. 

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى سىستېمىلىق غايىب قىلغان. ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتى جىددىي ئازىيىپ، ئادۋوكاتلار تۇتقۇن قىلىنغان. تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر ۋە سىستېمىلىق دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان. دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە بۇ نۆۋەتلىك خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنىدا ئالاھىدە جىددىي قارىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلىپ، «بۇ يىل 3‏-ئايدىن بېرى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى،» دېيىلگەن.

ب د ت بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك كۆرۈپ چىقىدۇ». دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كونكرېت مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ ب د ت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى پېتىر ئىرۋىڭ پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كونكرېت مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. مەسىلەن، دىنىي ئەركىنلىك، ئانا تىل ھوقۇقى دېگەندەك مەسىلىلەر. بىز يەنە ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئالاھىدە مېخانىزملىرىنى ئىشقا سېلىشىنى ئىستەيمىز. شۇنداقلا بىز يەنە مېڭە يۇيۇش لاگېرلىرىغا دائىر كونكرېت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.»

ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ بۇ يىل 8‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا لاگېرلار مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەن. يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى «ئاشقۇنلۇق» نى يۇقتۇرۇۋالغان بەزى كىشىلەرگە تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن لاگېر ۋە «قايتا -تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. پېتىر ئىرۋىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاغدەك دەلىللەر ئالدىدا ئامالسىز قېلىپ، لاگېرلارنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە باشلىغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاينىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە جىددىي ئۆزگەرگەنلىكىنى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىلىرىدىن كۆردۇق. شۇنداقلا بىز يەنە باشقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ لاگېرلارنى رەت قىلىشتىن ‹قانۇنلاشتۇرۇش› قا ئۆتكەنلىكىگە شاھىت بولدۇق. خىتاينىڭ پوزىتسىيەسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى تالاش-تارتىش قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما يېقىنقى 6 ئايدىن 8 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا لاگېرلارغا دائىر تاغدەك دەلىللەر ئاشكارىلاندى. شۇڭا خىتاي لاگېرلارنى رەت قىلىشتىن ئۇنى پەردازلاپ ئاقلاشقا ئۆتتى.»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى 2009‏-يىلى ۋە 2013‏-يىلى ئىككى قېتىم «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك كۆرۈپ چىققان.» 2013‏-يىلدىكى يىغىندا ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بېرىش چەكلىمىسىنى مەڭگۈلۈك بىكار قىلىشى، قانۇن چىقىرىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ھەقلىرىنى قوغدىشى، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا، ئوچۇق-ئاشكارا تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بېرىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغان. ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھەقلىرىنى قوغداش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىجرا قىلمىغان.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، ب د ت نىڭ 6‏-نويابىرىدىكى يىغىنى خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ لاگېرلارنى تاقاش، تۇتقۇنلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىش ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت ئىكەن. ئۇ پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەڭ ھەرىكەت قىلسا ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشىدۇ،» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەھىمە مەھمۇت خانىم مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدەك ئەنگلىيەمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ھەممىسى بىرلىشىپ، خىتايغا سودا جەھەتتىن، سىياسىي ئورۇن جەھەتتىن، قانۇن جەھەتتىن بېسىم ئېلىپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى بۇلار ب د ت نىڭ قانۇنلىرىغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەر. نېمە ئۈچۈن خىتايغا شۇ ئارقىلىق بېسىم قىلالمايدۇ. قىلىمىز دېسە قىلالايدۇ. ئېمبارگو قويۇپ، ئۇنى بويسۇندۇرىمەن دېسە، كۈچى يېتىدۇ

رەھىمە خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلاشنىڭ يەنە بىر چارىسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىنى ئىشقا سېلىشكەن. ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

رەھىمە مەھمۇت خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «ئادۋوكاتلار ھازىر بېرمادا بولغان ئىشلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنى خەلقئارا سوتقا ئېلىپ چىقىمىز دەۋاتىدۇ، يەنى بىرما ھەربىي دائىرىلىرىنى. ئەگەر ب د ت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيىتىنى ‹قىرغىنچىلىق› دەپ قوبۇل قىلسا، بېرماغا قانداق چارە قوللانغان بولسا، خىتايغىمۇ شۇ چارىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلساق ئۈنۈمى بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»

«خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قاماپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ھەر خىل ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئومۇميۈزلۈك بۇزغۇنچىلىق قىلماقتىكەن. دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ سۆز ئەركىنلىكى جىنايىلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەر خىل سىياسىي، ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.