ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 10-ئاينىڭ21-كۈنى ​

مۆھتىرەم ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ،

ﺑﯩﺰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻳﺎﺵ ﻧﻪﺳﯩﻠﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯗﻕ. ﺳﯩﺰ 2006 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻐﺎ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 12 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﻣﯩﻠﯩﻲ ﺩﻩﯞﺍﻳﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﺍ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﻪﺳﺴﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﯖﯩﺰ. ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻼﺭ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﺍ ﻛﯜﻧﺘﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻟﯘﻡ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯧﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ.

ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﻧﺎﻣﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻼﻧﺪﯗﻕ. ﺋﯘ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯚﺭﺩﻯ.

ﺳﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﯘ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮪﯚﺭﻟﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﻪﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﺧﺲ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺱ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻣﯘﺟﺎﺩﯨﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ. ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﺘﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﭘﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ. ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﺟﺎﺩﯨﻠﻪ ﺳﯧﭙﯩﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ:

ﺋﯘ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ

2018.10.21