ماركو رۇبىيو ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  15-ئ‍ۆكتەبىر

10-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى 2018-يىللىق دوكلاتىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتكە بولغان كۈچلۈك ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» ناملىق قانۇن تۇرغۇزۇش ئىشىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا تاراتقۇلار شۇنىڭدەك ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بولۇپمۇ ماركو رۇبىيونىڭ 2014-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇنى 2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پىكرى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن ماركو رۇبىيوغا ئوخشاش ئامېرىكىدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابنىڭ ئاغزىدىن ئىلھام توختىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغىنىدا ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت سىياسىتىدە مۇھىم تەسىرى بولغان بىر ماركو رۇبىيودەك بىر سىياسىيوننىڭ ئاغزىدىن ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا تولىمۇ ھاياجانلاندىم. بۇنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش يولىدا ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئائىلىسىنىڭ بەختى بىلەن ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ قايتماس ئىرادىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر. بۇ يەنە ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ناھەق جازالانغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى. بولۇپمۇ ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى قاتتىق تەنقىدلىنىۋاتقان بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئامېرىكىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى.»

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە ئىلھام توختى خىتاي تۈرمىسىگە مەھكۇم قىلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ھەققانىي كۈرۈشىنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەنۋەرجان ئەپەندى گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ تۈرمىگە مەھكۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارادا ئىلھام توختىغا بېرىلگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مۇكاپاتلىرىنىڭ بارغانچە كۆپەيگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە 2018-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما 350 نامزاتنىڭ بىرى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەگەر ماركو رۇبىيوغا ئوخشاش خەلقئارادىكى تەسىرى كۈچلۈك سىياسىي ئەربابلار ئىلھام توختىنى خەلقئارادا ئەڭ يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولغان «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسەتسە ئىلھام توختىنىڭ 2019-يىلى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا مەزكۇر مۇكاپاتقا كۈچلۈك نامزاتلارنىڭ بىرى بولىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭغا رەسمىي ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم شەرەپ كەلتۈرۈشىدە ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نامىدىن ماركو رۇبىيو ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىپ مەكتۇپ يېزىۋاتقانلىقىنى، مەكتۇپتا ئىلھام توختىنىڭ 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن «خىتايدا ئۆزگىرىش» تورىنىڭ ساھىبى ساۋ ياشۆ خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ۋىجدان مەھبۇسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇھىم ئەربابلار تەرىپىدىن ‹نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى› غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان فاشىستىك باستۇرۇش سىياسىتىگە بېرىلگەن ئەڭ قاتتىق تەنقىدتۇر،» دېدى.

ساۋ ياشۆ خانىم يەنە ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغىچە كۆپلىگەن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكى ۋە ئۇلارغا ئېرىشكەنلىكى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىدا ھېچقانداق بىر ئىجابىي ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقى، بۇنىڭغا يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ساۋ ياشۆ خانىم سۆزىدە مەيلى ئىلھام توختىنىڭ «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى ۋەھەتتا بۇ خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشى ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە مەلۇم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ماركو رۇبىيوغا ئوخشاش ئامېرىكىدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن قاتتىق بىر زەربە، دېدى. ئۇ بۇ خىل تەشەببۇسلار ۋە تەنقىدلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ھاكىممۇتلەقلىق سىياسىتىدىكى خاتالىقلىرىنى تونۇشىغا شۇنىڭدەك خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.