خەلقئارا تاراتقۇلار: «خىتاينىڭ سىياسەتلىرى خۇددى خوڭكوڭغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭمۇ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى كۈچەيتىدۇ»

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  15-ئ‍ۆكتەبىر

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇشلىرىنى «دىنى ئەسەبىيلىككە، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكى خەلقئارا ئاخباراتلاردا كۆپلەپ مۇلاھىزە قىلىنماقتا.

11-ئۆكتەبىر ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن «CNN تېلېۋىزىيەسى» دە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇزۇن يىللىق ئەنسىزلىك كېسىلى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ماقالىسى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. خەۋەردە 1 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەر كۆلىمىگە ئىگە بولغان ئۇيغۇر دىيارىنى تېخى 1949-يىلىدىن باشلاپ ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر ۋاقىت بۇ زېمىندىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىبارەت ئەنسىزچىلىك ئىچىدە تۇرۇپ كەلگەنلىكى ۋە رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرگىمۇ مانا مۇشۇ خىل ئەنسىزلىك كېسىلىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى بايان قىلىنغان. ماقالىدە ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردە قۇرغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.

خەۋەر ئاپتورى جەيمىس گىرىففىس 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە باشقا ۋەقەلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق «خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئىسلامىي تېررورلۇقىنى ئاساسلىق كۈرەش نىشانى دەپ كۆرسەتسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردا رايوندا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەرنىڭ دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق» دەپ يازغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا ئارقىدا قالدۇرۇلغان بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە مائارىپ قاتارلىقلاردا مىللىي كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ كەلگەن. رايوندىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلىرىدىمۇ چىرىكلىك ئىنتايىن ئېغىرلاشقان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلىشىنىمۇ «مۇستەقىللىقنى تەرغىب قىلغانلىق» ياكى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنغانلىق» دەپ گۇمانلىنىپ، زەربە بېرىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ماڭغان.

ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەسەبىي تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» نامى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا مۇتلەق نازارەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغانلىقىنى، ھازىر بۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى خوڭكوڭدا مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى كۈچەيتىۋەتكىنىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئۆز قولى بىلەن ئۆزىگە ئىش تېرىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.