شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى مەزگىلىدىكى قائىدە – پىرىنسىپلار

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ​

1.    بارلىك ۋەكىللىرىمىز يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە تولۇق ئەمەل قىلىشى ۋە ئۈچ كۈنلۈك يىغىنىمىزنىڭ پۈتۈن پروگراممىلىرىغا ۋاقتىدا تولۇق قاتنىشىشى لازىم، ئەگەر پەۋقۇلادە سەۋەپلەر بىلەن يىغىننىڭ بەزى بۆلۈملىرىگە كېچىكىپ قېلىش ياكى قاتنىشالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندىلەرگە ئالدىن خەۋەر بېرىپ قويۇشى كېرەك.

2.    بارلىق ۋەكىللەر يىغىننىڭ ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى، پىكىر بەرگەندە ۋە مۇنازىرىگە چۈشكەندە تەلەپپۇزى ئىلمىي ۋە مەدەنىي بولۇشى، ئوخشاش بولمىغان كۆز-قاراش، پىكىرلەرگە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشى، ۋارقىراش – جارقىراش ۋە باشقىلارغا تىل – ھاقارەت قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى لازىم. يىغىن رىياسەتچىلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سۆز قىلىش ۋە سۆز قىلغۇچىلار بەلگىلەنگەن  ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى لازىم.

3.    يىغىننىڭ رەسمىي پروگراممىلىرىنى فىلىم ۋە سۈرەتكە ئېلىش خىزمەتلىرى، بەلگىلەنگەن مەخسۇس خادىملار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ خادىملارغا ئايرىم مۇخبىرلىق كېنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ۋەزىپىلىك كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ يىغىن رەسمىي داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە خالىغانچە فىلىم ۋە رەسىمگە ئېلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋە يىغىن ئاخىرلاشقاندا، ياكى يىغىن ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا فىلىم ۋە رەسىمگە ئېلىشتا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.

4.    شەرقىي تۇركىستان مىللىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتى تەرىپىدىن سالاھىيىتى بېكىتىلىپ تەكلىپنامە ئىۋەتىلگەن رەسمىي مىھمانلارنىڭ 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە  بولغان ياتاق ۋە تاماق ئورۇنلاشتۇرۇشى د ئۇ ق تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.  ۋەكىللىرىمىز 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈش سائەت 12:00 دىن بۇرۇن مېھمانخانىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى شەرت. بۇ مەزگىلدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ياتاق ۋە تاماق چىقىملىرىنى مىھمانلار ئۆزى شەخسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

5.    ۋەكىللىرىمىزنىڭ يىغىن جەريانىدىكى  تاماقلىرى يىغىن ساھىپخانى د ئۇ ق  تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدە بېكىتىلگەن تاماق ۋاقتىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.  بۇ جەرياندا سىرتتا ئايرىم تاماق يىگۈچىلەر تاماق چىقىمىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

6.    ھەر بىر ۋەكىل، دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن مەلۇم مىقداردا ( تۆۋەندىكى ئۆلچەم بۇيىچە) يىغىنغا قاتنىشىش رەسمىيەت ھەققىنى يىغىندىن بۇرۇن تۆلىشى كېرەك:

– ياۋرۇپا، شىمالى ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر 50 ياۋرۇ

– تۈركىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر 30 ياۋرۇ

– ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەر 20 ياۋرۇ

7.    رەسمىي ۋەكىللىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ يىغىنىغا كۈزەتكۈچى مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، ئەمما رەسمىي ۋەكىللىك سالاھىيىتى بولمىغانلارنىڭ ياتاق ۋە تاماق چىقىملىرىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتىكى تەييارلىق كومىتېتى بۇ مىھمانلارنىڭ ياتاق ۋە تاماق مەسىلىسىنى ئۇيغۇن شەكىلدە ھەل قىلىنىشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

ھۆرمەت ۋە ئەھتىرام بىلەن :

شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى  تەييارلىق كومىتىتى

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى