شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىلار ھەققىدە ماقالە تەقدىم قىلىش توغرىسىدا  مۇراجىئەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ​

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، 2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان ۋە قاتنىشىشقا ھازىرلىنىۋاتقان ھۆرمەتلىك پۈتۈن ۋەكىللىرىمىزگە شۇنى مۇراجەت قىلىمىزكى، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز ھايات – ماماتلىق خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ئىنتايىن ھالقىلىق بىر پەيتتە چاقىرىلىۋاتقان بۇ نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ، خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان، ئارزۇ – ئىستەكلىرىگە جاۋاپ بولالايدىغان، خەلقىمىزنى زور بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارە – تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ چىقالايدىغان، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىستىراتىگىيەسىنى توغرا يوسۇندا تۇرغۇزالايدىغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مىللىي مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يىغىندا تۆۋەندىكى تېمىلارنىڭ خالىغان بىرسىدە ئانالىز ۋە پىكىر قىلىشنى خالىغان ۋەكىللەرنىڭ 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن بۇرۇن، تەقدىم قىلماقچى بولغان ماقالىسىنىڭ بىر بەتلىك خۇلاسە قىسمىنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتىغا يوللاپ بېرىشكە چاقىرىمىز. يىغىندا تۆۋەندىكى تېمىلار ھەققىدە مەخسۇس ماقالە تەقدىم قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن مۇددەت 15 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ. ماقالە تەقدىم قىلىنغاندىن كىيىن ۋەكىللەرنىڭ پىكىر تەكلىپلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بەرىلىدۇ. 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كەچ قالغانلارنىڭ يىغىندا ماقالە تەقدىم قىلىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەمما ئومۇمى مۇزاكىرىدە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرغا قويسا بولىدۇ.

 مىللىي داۋانىڭ بۇندىن  كېيىنكى ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە ئانالىز ۋە كونكرىتنىي تەكلىپ، لاھىيە، پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛

– ھازىرقى جازا لاگىرىدىكى يوق بولۇش گىردابىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ھەم ئىچكىرىگە يۆتكەلمەكتە بولغان ۋەتەنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەققىدە قېلىنىشقا تىگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە تەكلىپ ۋە پىكىرلەر؛

  قېرىنداش تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ۋەزىيەت ئانالىزى ۋە بۇ دۆلەتلەردە داۋايىمىزنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ كونكىرت چارە –تەدبىلىرى؛

 قۇرۇلغۇسى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ نەزىرىيەۋىي ئاساسىنى ھازىرلاش ۋە ئاساسىي قانۇن گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە كونكىرتنىي تەلەپ ۋە لاھىيەلەر؛

– مىللىي ھەرىكىتىمىزگە كېرەكلىك ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى؛

 ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار ۋە باللىرىنىڭ ۋەزىيەت ئانالىزى ۋە ئاياللار  ھەرىكىتىنى قانداق كۈچەيتىش ھەققىدە تەكلىپ ۋە لاھىيە؛

 شەرقىي تۈركىستان ياشلار ھەركىتى ھەركىتى ھەققىدە ئانالىز ۋە ياشلار ھەركىتىنى كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ ۋە لاھىيە؛

 چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ چارە تەدبىرلىرى؛

 ئۇيغۇر سىياسىي مۇھاجىرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەرخىل كرىزىس ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق ھالدا ھەل قىلىشنىڭ چارە تەدبىرلىرى؛ مۇھاجىرلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ھەققىدە تەكلىپ پىكىرلەر؛

 شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ئورتاق ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ھەققىدە چارە – تەدبىرلەر؛

 ئىچكى – تاشقىي تەشۋىقات خىزمەتلىرى ۋە ئۇسۇلى ھەققىدە ئانالىز، شۇنداقلا تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش، ھەمكارلىشىش ھەققىدە كونكىرت چارە – تەدبىرلەر؛

ئالاقىلاشقۇچىلار :

دوكتور ئەركىن ئەكرەم

تېلىفون : 00905322969890( WhatsApp نومۇرىمۇ ئوخشاش )

Email : [email protected]

پەرھات يورۇڭقاش

تېلىفون : 004917680583058 ( WhatsApp نومۇرىمۇ ئوخشاش )

Email : [email protected]

ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن :

شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتى

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى