دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەرھۇمە فاتىمە بۇغرا ھەققىدىكى تەزىيەنامىسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ​

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرۈشىمىز تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان،1933 – يىلىدىكى تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق باھادىر ئەسىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرۈشىنىڭ تۇنجى نەزىرىيەۋىي ئاساسىنى ياراتقان، خوتەن دىيارىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئازات قىلىپ خوتەن خەلىپىلىكىنى قۇرۇپ چىققان، بىر قولىدا ئەلەم، بىر قولىدا قەلەم بىلەن پۈتۈن ئۆمرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئاتىغان بۈيۈك لىدېرىمىز ۋە يولباشچىمىز مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرىنىڭ سۆيۈملۈك قىزى فاتىمە بۇغرا خانىمنىڭ تۈركىيەدە شاھادەتكە ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چەكسىز ئازاپلاندۇق.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەرھۇمەگە ئاللاھتىن رەھمەت، پۈتۈن ئائ‍ىلە – تاۋاباتلىرىغا سەۋىر تىلەيمىز، ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ بېشى ساق بولسۇن!

قەدىرلىك فاتىمە خانىم پۈتكۈل ھاياتىدا دادىسى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرىنىڭ مىللەتچىلىك، ئۈممەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دىيانەتلىك، پىكادارلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە خۇددى مەرھۇم دادىسىدەك ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەزىز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە سۆيۈملۈك خەلقىنىڭ ھۆر – ئازاتلىقى ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز قايغۇرغان ۋە بۇ شەرەپلىك يولدىن ئەسلا قايتمىغان ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئۆرنەك ئالسۇن دىگەن مەقسەتتە، مۇشۇ تەزىيە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ سىلەرگە مەرھۇم لىدېرىمىز مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرى ھەققىدە ئازراق توختۇلۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرى، ۋەتەن، خەلقى نېمىگە ئېھتىياج بولسا قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ تەمىن ئېتىشكە تىرىشتى. ئۇ قوماندان بولۇپ بۇيرۇق بەردى. دۆلەت رەھبىرى بولۇپ باشقۇردى. ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەرس ئۆتتى. ھەر نەرسىسىنىڭ تۈگەشكىنىنى ئويلاپ ئۈمىدىنى ئۈزگەن كىشىلەر ئۈچۈن تەسەللى بېرىپ ئۈمىدلەندۈردى. نېمە قىلىشنى بىلمەي قايمۇقۇپ قالغانلارنى يولغا باشلىدى. بىر مىللەتكە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ بىر رەھبەر، لىدېر ۋە ئۈمىد بولدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ياشىغان دەۋردە تۈركىستان جۇغراپىيىسى رۇس ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ كۆرسىتىش ئۇرۇشلىرىدا ئۆچمەس ئوت ھالغا كەلگەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا بولسا زۇلۇمنىڭ نامى خىتاي ئىدى. تۈركلەر ھەر تۈرلۈك ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغان، ئېزىلگەن، خارلانغان ۋە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان بىر دەۋر ئىدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېتىراپ قىلىنمىغان بىر جۇغراپىيىدە ياشاش كۈرىشى قىلماقتا ئىدى. بۇ ئەلەملىك پاجىئەلەر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىشكە، تېخىمۇ كۆپ تەتقىق قىلىشقا ئۈندەيتتى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگىتىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

ئاق-قارىنى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-ئىدراك تاپقاندىن باشلاپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ خەلقىمگە قىلغان زۇلۇم، ھەقسىزلىق ۋە خورلاشلارنى كۆرۈپ قەلبىم ئازابلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن خىتاي زۇلۇمىغا قارشى غەزەپ-نەپرىتىم كۈنسېرى كۆپەيسە، يەنە بىر تەرەپتىن يۇرتۇم ۋە مىللىتىمنىڭ كېلەچىكىدىن قايغۇلاندىم. بۇ ھېس-تۇيغۇنىڭ تەسىرى بىلەن مىللىتىمنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش، دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ كونا ۋە يېڭى تارىخ-كەچۈرمىشلىرىنى ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشكە باشلىدىم. ئەپسۇسكى، مەن ياشاۋاتقان مۇھىتتا ماڭا بۇ توغرىدا مەلۇمات بېرىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدۇم.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرى ئالدى بىلەن دۇنيا ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش، مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشتى. تىجارەتچىلەر، ھاجىلارغا ئوخشاش چەتەللەرگە سەپەر قىلغان ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى دىققەت بىلەن ئاڭلايتتى. ئۇلار كەلتۈرگەن گېزىت ۋە كىتاب-ژۇرناللارنى ناھايىتى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇيتتى ۋە تەتقىق قىلاتتى.

ئىمپىراتۇرلۇقلارنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈرۈلۈشىگە باشلىغان بۇ دەۋرلەردە پۈتكۈل دۇنيادا ئومۇملاشقان مىللەتپەرۋەرلىك ئويغىنىش رۇس زېمىنلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن، ھەق-ھوقۇق ۋە ئازادلىق مەسىلىسى توغرىسىدا ياڭراق سادالار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان. 1900-يىلىنىڭ بېشىدا تىز سۈرەتتە تارقالغان «جەدىتچىلىك» ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ روھىغا تەسىر كۆرسەتكەن. مەدەنىيەتلىك ئىلىم تەھسىل قىلغان بىلىملىك بىر ياش، ئازادلىق يولىدا نېمىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، تۇنجى بولۇپ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ مىللىي ئىنقىلاب تەشكىلاتى نامى ئاستىدا بىر تەشكىلات قۇرغان شۇنىڭ بىلەن سىياسىي كۈرەش ھاياتى باشلانغان. ئوقۇغۇچىلىرىنى زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئاڭلاتقان ۋە ئۇلارنى بۇ مەقسەتتە تەشكىللىگەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئىككىنچى باسقۇچتا بۇ چۈشەنچىلىرىنى خەلققە ئاڭلىتىشنى پىلانلىغان ۋە بۇ چۈشەنچىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە خەلقنىڭ ئاڭ-چۈشەنچە ۋە ۋەزىيەتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى رايونلىرىنى ئايلىنىپ چىققان.

بۇ ھەقتە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرى مۇنداق دەيدۇ : مەن تونۇشقان مۇنەۋۋەر زىيالىيلار بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىتتا يۈرەكلىرىنىڭ دەرد-ئەلەملەر بىلەن تولغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئەمما ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش يەنى قوراللىق كۈرەش قىلىشقا مانا مەن ھازىر دەيدىغان پەقەت بىرلا ئادەمنى يەنى سابىت داموللامنى تاپالىدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېچە-كۈندۈز مۇزاكىرە ئېلىپ باردىم.
بېسىم، ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇمغا قارشى شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرى باشقا رايوندىكى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشالمىغان تەقدىردىمۇ، خوتەندە بولسىمۇ ھەرىكەت باشلاش پەيتىنىڭ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. 1931‏-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرى ئىككى ئوقۇغۇچىدىن تەركىب تاپقان بىر تەشكىلات قۇرغان ۋە تۇنجى مەقسىتى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسىنى كۆپەيتىش، ئىئانە توپلاش ۋە قورال تېپىش بولغان. بۇ مەقسەت بىلەن بىر يىل خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە تەشكىلات ئەزاسى 300 گە چىققان ۋە 50 دانە كونا قورال توپلىغان. 1932‏-يىلىنىڭ بېشىدا سابىت داموللا تۈركىيە ۋە ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ يۇرتقا قايتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك مەلۇماتلار ئېلىپ كەلگەن. ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئادەم ۋە قورال كۈچىنى ۋە ئۆز دائىرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك پۈتكۈل مەلۇماتلارنى توپلىغان. ماددىي جەھەتتىن يوق دېيەرلىك ئىقتىساد توپلىغان بولىسىمۇ، مەنىۋى جەھەتتىن باي بولۇپ ھېچبىر نەرسىنىڭ يوقلۇقىدىن شىكايەت قىلمايدىغان ۋە ئۈمىدسىزلىككە ئۇچرىمايدىغان ھالدا مەنىۋى بايلىققا ئىگە ئىدى ۋە ھەرىكەت قىلىش يولىدا مۇستەھكەم ئىدى. 1932-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل خەلق ئويغىنىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ، قۇمۇل،. ئالتاي، تۇرپان ۋە قەشقەر قاتارلىق پايتەخت ئۈرۈمچىدىن باشقا پۈتكۈل شەھەرلەر ئازاد بولۇپ مىللىي ئارمىيىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. قەشقەرنىڭ يېڭىساردىن باشلاپ چاقىلىققىچە بولغان جۇغراپىيە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى مۇجاھىدلارنىڭ كۈرەشلىرى بىلەن ئازاد بولغان. 1933‏-يىلى 11‏-ئاينىڭ 12‏-كۈنى پۈتكۈل بۇ مىللىي تەشكىلاتلار قەشقەردە توپلىنىپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى.

ئەزىز قېرىنداشلار، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قوشقان شانلىق تۆھپىلىرىنى تەسۋىرلەپ تۈگۈتۈش مۇمكىن ئەمەس، تۈركىيەدە ۋاپات بولغان قىزى فاتىمە بۇغرا خانىم ئەمدىلا 5 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا دادىسى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرى خوتەندە ئىنقىلاب باشلىغان، شۇنداقلا دادىسىدىن 1933-يىلى ئايرىلىپ،ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1943-يىلى قايتىدىن ئۇچراشقان ئىدى.

مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەتەنسۆيەر قىزى مەرھۇمە فاتىمە بۇغرانىڭ ھاياتى شانلىق، شەرەپلىك ۋە ئىپتىخارلىنارلىق بىر ھايات، ئەقىدىمەن، ۋاپادار ۋە ئىخلاسمەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇلارنى ئەبەدىيەن سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت ئىچىدە ياد ئېتىدۇ!

ئاخىرىدا مەرھۇمە فاتما بۇغرا خانىمنىڭ ماكانى جەننەت، روھى شات بولسۇن، ئامىن!

چەكسىز قايغۇ ۋە ھۆرمەت ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن :

دولقۇن ئەيسا

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ​