ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  31-ئاۋغۇست

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 23-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرى ھەققىدە بىر پارچە يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتقا «ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى: بىز پەقەت ئىنساندەك ياشاشنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ ئارتۇقچە تەلەپمۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەزكۇر دوكلات مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى بىر كرىزىسى يۈز بېرىۋاتقان بىر پەيتتە خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىدا سىستېمىلىق ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى، قېيىن -قىستاق ۋە ھەتتا ئۆلۈم تەھدىتى بىلەن ياشاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان بۇ باياناتتا لاگېرلارنىڭ ئاخىرى بېرىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سەھنە بولۇشىنىڭمۇ ئېھتىمالدىن ئۇزاق ئەمەسلىكى، خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى ئازاد قىلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن بېسىم شەكىللەندۈرۈشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باياناتىدا بۇ لاگېرلاردا ئوقۇغۇچىلار، زىيالىيلار، دېھقانلار، تىجارەتچىلەر، دىنى ئۆلىمالار، ئارتىسلار، پۇتبۇلچىلار، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئاياللار، ئەرلەر، بالىلار، ياشلار، قېرىلاردىن تەشكىللەنگەن بارلىق ساھەلەردىن ئادەم بارلىقىنى تەكىتلەپ، «يەھۇدىيلارغا قىلىنغان قىرغىنچىلىق تەكرارلانمىسۇن» دېگەن ئىدىيە بىلەن چوڭ بولىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇنىڭغا ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.