دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەمكارلىق-دوستلۇق ئۇچرىشىش يىغىنى چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ​

تارىخنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلاپلاردا ياشلار كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت قوشۇنى بولۇپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى جەريانلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئەڭ قەيسەر، ئەڭ جەڭگىۋار، تەۋرەنمەس كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مىللىي ھەركىتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ زۆرۈرىيەت بولماقتا.

خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بارغانسىرى ئەشەددىيلىشىدىغانلىقى، ھەتتا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى خىتاينىڭ ب د ت 96 – نۆۋەتلىك ئېرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا بەرگەن جاۋاپلىرى ۋە خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا ئوچۇقچە ئىپادىلەنمەكتە. ۋەتەن – مىللەتنىڭ تەقدىرى ئەڭ ئېغىر تەھدىتلەرگە يولۇقماقتا. بۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە، جىددىي چارە – تەدبىرلەر بىلەن خىتايغا قارشى ئۈنۈملىك پائالىيەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ ھەرىكەت قىلىش مۇھاجىرەتتىكى مىللىي دەۋايىمىزنىڭ تەخىرسىز ئىھتىياجى بولماقتا.

د ئۇ ق 15 – ئاۋغۇست كۈنى ئىچكىي يىغىن چاقىرىپ، 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 11 – كۈنلىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارىدىغان بىر يۈرۈش ھەرىكەت پىلانلىرىنى قارارغا باغلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋەكىللىرىنى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جەم قىلىپ «ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقئ‍ارالىق ئۇچرىشىشى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش مۇھىم كۈنتەرتىپنى ئىگىلەيدۇ.

بىز د ئۇ ق نامىدىن دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى مىللىي مۇجادىلە ئۈچۈن مىننەتسىز بەدەل تۆلەپ كەلگەن، ۋەتەن – مىللىتىگە ئىگە چىقىش ھېسسىياتى بولغان، مۇھاجىرەتتىكى مىللىي دەۋاغا بىر ئۈلۈش ھەسسە قېتىش ئىرادىسىگە ئىگە قابىلىيەتلىك ياشلارنى بۇ يىغىنغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشقا چاقىرىمىز. يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكىگە ئائىت مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ياشلىرىمىزنىڭ مىللى ھەرىكىتىمىزدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ياشلىرىمىز ئارىسىدىكى ئۆزئ‍ارا ھەمكارلىق، ئالاقە ۋە دوستلۇقنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مىللىي داۋاسىنىڭ ئۆزلۈكسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسى مەقسىدىنى تەشكىل قىلىدۇ.

11 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە گېرمانىيەدە «ئۇيغۇر ھەپتىسى» بولىدۇ. بۇنىڭ كونكىرتنىي مەزمۇنلىرى:

1. جەنۋەدىكى ب د ت مەركىزى ئالدىدا 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىلىدۇ.

2. ميۇنخېن شەھىرىدە 11 – ئاينىڭ 7-8- كۈنلىرى «د ئۇ ق 2 – نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن ئومۇمىي يىغىنى» ئۆتكۈزىلىدۇ.

3. ميۇنخېن شەھىرىدە 11 – ئاينىڭ 8-10 – كۈنلىرى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ.

4. ميۇنخېن شەھىرىدە 11 – ئاينىڭ 8-10 – كۈنلىرى «ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەمكارلىق – دوستلۇق ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدۇ.

5. ميۇنخېن شەھىرىدە يەنە 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى كەچتە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتى ھەمدە «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» مۇراسىمى بىرلىكتە ئۆتكۈزىلىدۇ.

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەمكارلىق – دوستلۇق ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلىشى ئۈچۈن، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىگىدە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ياش رەھبەرلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مەخسۇس تەييارلىق كومىتېتى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. بۇ كومىتېت ياشلارنىڭ ھەمكارلىق -دوستلۇق ئۇچرىشىشىنىڭ بارلىق تەييارلىق ئىشلىرىنى ۋە كۈنتەرتىبىنى مۇستەقىل بېجىرىدۇ. يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشنى خالىغان ياشلارنىڭ دۇق ياشلار كومىتېتى بىلەن ئالاقىدا بولۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2018.08.18