ئامېرىكىدىكى رانت مېدىياسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي «يىغىۋېلىش لاگېر» لىرىدا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  14-ئىيۇل

ئامېرىكىدىكى «رانت مېدىيا» ناملىق ئاخبارات ئورگىنى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، دۇنيانىڭ بۇ ۋەھشىلىككە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

«مىڭلىغان مۇسۇلمانلار خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىنى رانت مېدىياسىنىڭ ستون يازغۇچىسى، جۇلىيا بىسۋوز قەلەمگە ئالغان. ئۇ ماقالىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قاباھەتكە ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇنىڭ يەنە دۇنيادا 2-قېتىم يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ تىپىك مىسالى، دەپ كۆرسىتىپ، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقنىڭ بۇ تىپىك مىسالى ھازىر يۈز بېرىۋاتقان بىردىن-بىر ھادىسە بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يېتەرلىك دىققەت قوزغىمىغان قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى» دەپ تەكىتلىگەن.

ماقالىدە يەنە كىشىلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىنى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئويلىسا 2‏-دۇنيا ئۇرۇشىنى خاتىرىلەيدىغانلىقى، بىراق جەمئىيەت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر كۈندىلىك خەۋەرلەرنى ئىگىلەپ تۇرمىسا، ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خىتايدىكى مۇسۇلمان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بۇنىڭ ھازىرقى تىپىك مىسالى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلار مۇقەددەس رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەۋاتقان مەزگىلدە خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تەن جازاسىغا، يوقىتىلىشقا ۋە ھاقارەتلەشكە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ ماقالىدا خىتاينىڭ يىغىلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قاماشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ لاگېرلارنىڭ مەقسىتى ئۇلارنى ئىسلام ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە، ئۆزلىرىنى قىممەت قارىشىنى خىتاي قىممەت قارىشىغا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش ئىدى» دېگەن.