ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى: مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ھەقىقەتەن بىكار قىلىنىشى كېرەك

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما رۇڭ «21‏‏-ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ بۆلۈنۈپ كېتىش خەۋپى بارمۇ-يوق» ماۋزۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھازىرقى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن. مەزكۇر ماقالە ئۇيغۇر ۋە خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا بىر مۇنچە مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولماقتا.

رادىويىمىزنىڭ تەكلىپ قىلىنغان ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

http://www.rfa.org/uyghur/obzor/aptonomiye-tuzumi-07122011175218.html/story_main?encoding=latin