شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ قارشىلىق نىشانى پەقەتلا خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ​

 

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ قارشىلىق نىشانى پەقەتلا خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى

ئەزىز ۋەتەنداشلىرىمىز دىققىتىگە:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىش پرىنسىپى ئاساسىدا، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىستراتىگىيەسى ۋە پلانلىرىنى تۈزۈپ ھەم ئىجرا قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ يىتەكچىلىك رولىنى ئاقتۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەزىز خەلقىمىزگە قاراتقان تۈپتىن قۇرۇتۇش سىياسىتىگە قارشى ۋەتەن سىرتىدىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ۋەتەندىكى ئاسارەت زىندانلىرىدا ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ يۈرەك پەريادىغا تەرجىمان بولماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدا توختاۋسىز ئېلىپ بارغان دېپلوماتىك خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ مىليونلىغان ۋەتەنداشلىرىمىزنى كوللىكتىپ ھالدا جازا لاگىرلىرىغا قاماپ ئۇلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىگە قارشى ب د ت سەھنىلىرىدە بىۋاستە نارازىلىق بىلدۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ب د ت نىڭ 37-. 38-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا مەدەنىي جاسارەت كۆرسىتىپ، خىتاينى ئاشكارە ئەيىپلەپ، جازا لاگىرلىرى مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولىۋاتقان بېسىمنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، شىۋىتسارىيە ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان بۇلغارىيە دۆلەتلىرىگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ ۋە مۇقەددەس داۋايىمىزنىڭ ئالىي مەنپەئەتى، بىزنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ بىزنى قوللايدىغان دوست دۆلەتلەرنى كۆپەيتىش ۋە خىتايغا بولغان سىياسى ھەم دېپلوماتىك بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەقەززا قىلماقتا.

شۇ سەۋەپتىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشتە توغرا ئورۇن، توغرا شۇئار ۋە توغرا ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا، دوستلارنى رەنجىتىشتىن ئۇزاق تۇرۇشقا، شۇنداقلا دۈشمەننىڭ ھەر خىل ھىيلە – مىكىر ئويۇنلىرىنىڭ ئىھتىماللىقىغا قارشى سەگەك بولۇشقا چاقىرىش بىلەن، نامايىش ۋە نارازىلىقنىڭ مەركىزىنى خىتاي دۆلىتىگە قارىتىشىنى، دوست ۋە بىزلەرگە ھېسداشلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىشتىن ساقلىنىشنى ھەمدە ئىچكى زىددىيەت بىلەن كۈچنى پارچىلاش ئورنىغا، دوست دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئىش بىرلىكىنى كۈچەيتىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتا بار كۈچىمىز ھەم ئاۋازىمىز بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئېلىپ بېرىشتا، بىز قارشىلىشىدىغان پەقەت ۋە پەقەت بىرلا دۈشمىنىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى.

ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز، پىشقەدەم پائالىيەتچىلىرىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 15 يىلدىن بېرى كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى.

غەرب دۆلەتلىرى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي قوغدىنىش ۋە پاناھلىققا ئېرىشىشتىكى ئاخىرقى مەنزىلى. بۇ رىئ‍اللىقنىمۇ ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەك.

ۋەتەنداشلارغا شۇنى ھەم ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمىزكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن ئاساستا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چىقىش ئىمكانىيىتى بولغان قانۇن ۋە قارارلار ئۈچۈن بارلىق ئىمكانلىرى بىلەن تىرىشىپ كەلدى ۋە بۇ تىرىشچانلىقلار يەنە ئۈزلىكسىز داۋاملىشىدۇ.

پايدىلىق مەلۇمات ۋە ماتىرىيال بىلەن بىزگە ياردەمچى بولالايدىغان ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ھەر خىل تىللاردىكى ھۆججەتلىك مەلۇماتلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ تۇرىشى، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ ھەم ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ ۋە تىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەتەن ۋە مىللەت داۋاسى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ئەزىز ۋەتەنداشلىرىمىزغا ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ​