ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دۇنيا دۆلەتلىرىنى داۋاملىق سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  5-ئىيۇل

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاراپ تۇرماسلىققا چاقىردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باياناتىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مەھەللىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، مەھەللىدىكى ئۇيغۇر ئەرلىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن نۇرغۇنلىرىنىڭ تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلىقى، ھالبۇكى ئارىدىن 9 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاشقان ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەملىك ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› غا سولىماقتا. نۇرغۇنلار ئۆزلىرىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ھەتتا قايسى لاگېردا ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى بۇ يىل 11-ئايدا ئېچىلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا بۇ ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەشكە چاقىرىمىز.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى باياناتتىكى سۆزىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ۋە ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلماسلىقىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ۋە بۇ قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نى تەنقىد قىلىشتا ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلماسلىققا چاقىرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە 200 دەك ئادەم ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. لېكىن خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ۋەقەدە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

د ئۇ ق دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن، تۈرمىلەرگە تاشلانغان ۋە غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى ئەسلەش ۋە ئۇلار ئۇچرىغان زىيانكەشلىكنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاشقا دەۋەت قىلدى.