دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مىللىي ئۇستازىمىز رابىك ئىسمايىلوف ھەققىدىكى تەزىيەنامىسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ​

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مىللىي ئۇستازىمىز رابىك ئىسمايىلوف ھەققىدىكى تەزىيەنامىسى

2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، قازاقىستاندا ياشاپ كېېلىۋاتقان ئاتاقلىق ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى، شائىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى، خەلقئ‍ارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ئىجىرائىيە رەئىسى ۋە ئىدارە ھەيئ‍ەت ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان مۆھتەرەم ئۇستازىمىز رابىك ئىسمايىلوف ئەپەندىمنىڭ شاھادەتكە ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ چەكسىز قايغۇردۇق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەرھۇمغا رەھمەت ۋە پۈتۈن ئائ‍ىلىسىدىكىلەرگە سەبىر – تاقەت تىلەيمىز، مەرھۇمنىڭ روھى شاد، ماكانى جەننەت بولسۇن!

مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ۋاپاتى پەقەت قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن خەلقىمىز ئۈچۈن زور بىر يوقۇتۇش، ئۇيغۇر مەرىپەت ئاسمىنىدىن بىر يورۇق يۇلتۇز ئۆچكەنلىكى ئەلۋەتتىكى ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى چەكسىز ئازاپلايدۇ. شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، مىللىي ئۇستازىمىز رابىك ئاكىمىز ھايات چېغىدا ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان جامائەتچىلىك خىزمەتلىرى ۋە نادىر ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمگەكلىرى بىلەن، بولۇپمۇ يىللاردىن بۇيان خەلقئ‍ارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ خىزمەتلىرىگە قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن ھەر ۋاقىت خەلقىمىز تەرىپىدىن ياد ئېتىلىپ تۇرۇلغۇسى!

مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ماكانى جەننەت، روھى شاد بولسۇن! (ئامىن)

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن :

دولقۇن ئەيسا

2018-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى