رەئىسىمىز ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﮪﯘﻡ ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ​


ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ، 30 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﯞﺍﻛﺎﻟﻪﺗﺴﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 – ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ 15:18 ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﺎﺋﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﺑﯩﺰ ﺭﻩﺋﯩﺴﯩﻤﯩﺰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ – ﺗﻪﯞﺍﺑﯩﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﻣﻪﺭﮪﯘﻡ ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺟﺎﻧﺎﺑﯩﻲ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ!


ﻣﻪﺭﮪﯘﻡ ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺧﺎﻧﯩﻢ 1940 – ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﻛﻪﻟﭙﯩﻦ ﻧﺎﮪﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 78 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ 1994 – ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ 24 ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺩﯨﺪﺍﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. 24 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯩﻚ ﺗﻪﻗﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺯﺍﻟﯩﻢ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﯘ ﻣﯩﺮﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻱ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯨﺪﺍﻻﺷﺘﻰ.

ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ 1987 – ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ <<ﺳﯩﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭ ﭘﻪﻥ – ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ>>ﻧﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﻪﯓ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮪﻪﻣﺪﻩ 1988 – ﻳﯩﻠﻰ 15 – ﺋﯩﻴﯘﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﯜﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﻮﻏﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﮕﻪ ﮪﯩﭻ ﺗﺎﭘﺎ – ﺗﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ چەتئەلﮕﻪ ھىجرەت ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ – ﺗﻪﯞﺍﺑﯩﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ 24 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﺎﭘﺎ – ﺗﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ <<ﺋﻮﻏﻠﯘﯓ چەتئەلﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﺴﺎ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯦﺘﯩﯖﻼﺭ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ!>> ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﮪﺪﯨﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﯩﮕﻪﻥ، ﻳﯜﺯﻟﻪﺭﭼﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﺍﻕ – ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻪﺩﺩﯨﻨﻰ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﻰ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﭼﯧﻜﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ، ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﯘﺷﺘﻪﻙ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻟﯩﺪﯗﺭ. چەتئەلﻠﻪﺭﺩﻩ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺩﻩﯞﺍﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺧﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻪﻕ – ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﺴﻰ، ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮪﻪﻕ – ﮪﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﻪﮪﺮﯗﻡ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﯩﺪﯗﺭ. ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﻪﺷﻜﻪ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ، ﻏﯘﺭﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﮪﻪﺭﻧﻪ ﺋﺎﺯﺍﭘﻘﺎ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﺳﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﯩﺪﯗﺭ.

ﺑﯩﺰ ﻣﻪﺭﮪﯘﻡ ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺭﮪﯘﻡ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﯩﺰ! ﺟﺎﻧﺎﺑﯩﻲ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﻰ ﭘﯩﺮﺩﻩﯞﯨﺲ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ. ﮪﺎﻳﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺳﻪﺑﯩﺮ، ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﯞﻩ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ!

ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ:
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ

2018.06.11