ميۇنخېن شەھىرىدە ئ‍ۆتكۈزىلىدىغان پائالىيەتلىرىمىز ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى ۋەتەنداشلارغا تەكلىپنامە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ​


ئەزىز قېرىنداشلار،

15 – ئىيۇندىن 17 – ئىيۇنغىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان «سەپداشلار ئۇچرۇشۇشى»نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى. بىز گېرمانىيەدىكى بارلىق ۋەتەنداشلارنى تۆۋەندە تىلغا ئېلىنغان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز.

پائالىيەتلەرنىڭ كۈنتەرتىبى:

1. 15 – ئىيۇن جۈمە

ئا: سائەت 14:30 – 16:00 ئارىلىقىدا گېرمانىيە ۋە چەتەلدىن كەلگەن مېھمانلار بىرلىكتە ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا 1988 – يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاينىڭ ھازىرقى جازا لاگىرلىرى سىياسىتىنى مەركەز قىلغان مىللىي باستۇرۇشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزىلىدۇ.

ئادرېسى:
Romanstr.107
پوچتا نومۇرى: 80639

ب: سائەت 16:00 – 18:00 ئارىسىدا ميۇنخېن جامائىتى ۋە مېھمانلار بىرلىكتە «خەلقئ‍ارا ئۇيغۇر ئاناتىل كۈنى»نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدۇ.

ئادرېسى:
Schwanthalerstr.80
پوچتا نومۇرى: 80336

2. 16 – ئىيۇن

ئا: سائەت 10:30 – 13:00 ئارىلىقىدا 1988 – يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقىنى ئەسلەش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى

ب: سائەت 13:00 – 14:00 چۈشلۈك تاماق

س: سائەت 14:00 – 16:00 شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە

د: سائەت 16:00 – 20:00 روزا ھېيتلىق پائالىيەت

ۋەتەنداشلارنىڭ پائالىيەتلەرگە ۋاقتىدا قاتنىشىشىنى، ئىمكانى يار بەرگەنلەرنىڭ ھېيتلىق پائالىيەت ئۈچۈن تاتلىق – تۈرۈملەرنى ئالغاچ كېلىشلىرىنى ئىلتىماس قىلىمىز.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2018.06.08