د ئۇ ق : 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزغا مۇراجىئەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ​

ئەزىز قېرىنداشلار، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 – يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2009-يىلى يۈزبەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور قانلىق پاجىئەلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

شۇ كۈنى باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بۇيان، ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ۋە ئىنسانىي ھەق – ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيېتىنىڭ چوماقچىلىرى ھىساپلانغان فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلدى، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا ۋە جازا لاگىرلىرىغا مەھكۇم قىلىندى.

بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردىن بۇيان، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، چەكلەش، تەقىپ قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرى يۇقۇرى پەللىگە چىقتى، مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ جازالاش لاگىرلىرىدا جان تالاشماقتا، قانغا بويالغان شەرقىي تۈركىستان زىمىنىدا بۈگۈن خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ – زارى ۋە دات – پەريادلىرى يۈرەكنى لەرزىگە سالماقتا.

5-ئىيۇل شەھىدلىرىنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان باتۇر ئوغۇل – قىزلىرىمىزنى يات ئېتىش، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە قارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا پاش قىلىش بولسا بىز چەتئ‍ەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋىجدانىي، ئىنسانىي ۋە مىللىي بۇرچىمىزدىن ئىبارەت.

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 – يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا داغدۇغىلىق ۋە كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش ۋە بۇ ئارقىلىق كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى، شۇنداقلا مىللىي مەۋجۇتلۇقى تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە جىددى يوقۇلۇش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە جانلىق شەكىلدە ئاڭلىتىش بولسا قۇرۇلتىيىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە كۈنتەرتىپىدىن ئىبارەت.

شۇنۇڭ ئۈچۈن ،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئ‍ىتى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقنىڭ 9 – يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك قارارلارنى ئالدى :

1 ) ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا پارلامېنتلىرىغا، شۇنداقلا ھەرقايسى خەلقئ‍ارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا د ئۇ ق نامىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى پاش قىلىنغان، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىنىپ تۇرىلىۋاتقان جازالاش لاگىرلىرى ئەيىپلەنگەن مەزمۇندا نارازىلىق مەكتۇبى يوللىنىلىدۇ؛

2) ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، د ئۇ ق تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەشكىلات ۋە ئاممىۋىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆۋلەتلەردە بىر تۇتاش ھالدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز؛

3) ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈزبەرگەن 5-ئىيۇل كۈنىدىن 7 – ئىيۇل كۈنىگىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەگەر ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆۋلەتلەرنىڭ قانۇنى يول قويسا ئۆيىنىڭ بالكونلىرىغا ۋە ماشىنىلىرىغا بىردەك ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى قاداشقا تىرىشىشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشى لازىم؛

4) ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى نامايىش ئېلىپ بارغان 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى بولسا دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان ۋە خىتاينىڭ ئەپتى – بەشىرىسى ئېچىپ تاشلانغان ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە خاتىرلەشكە تېگىشلىك بىر كۈن.

شۇڭا، 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتى، «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم » ئاياللار ھەرىكىتى ۋە ھەرقايسى ئەللەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى، شۇنداقلا تەشكىلاتلار تەركىبىدىكى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك ئاياللار نامايىشى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىت قىلىمىز؛

5 ) د ئۇ ق تەركىبىدىكى پۈتۈن تەشكىلاتلار ۋە سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز، 5-ئىيۇل كۈنىدىن ئېتىبارەن 3 كۈنگىچە ئۆزلىرى باشقۇرىۋاتقان ئىنتېرنەت سەھىپىلىرى ۋە نەشىر قىلىۋاتقان گېزىت – جورناللىرىنى قارايتىشى ۋە رەڭسىز شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇشى لازىم؛

6) دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈزبەرگەن 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن باشلاپ بىر ھەپتىگىچە توي – تۆكۈن ئۆتكۈزمەسلىك، ئولتۇرۇش ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماسلىق ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ 5-ئىيۇل شەھىدلىرىگە بولغان تەزىيەسى ۋە ھۆرمىتىنى ئىزھار قىلىشى لازىم؛

7 ) د ئۇ ق دىنىي ئىشلاركومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى ئاستىدا، 5-ئىيۇل كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە بىر تۇتاش ھالدا 5-ئىيۇل شەھىدلىرىنى ياد ئېتىش، ئۇلارنىڭ روھى ئۈچۈن نەزىر – چىراق ۋە دۇئا – تەگكبىر پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش لازىم، بولۇپمۇ نامايىش قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز ۋە سىياسى پائالىيەچىلىرىمىز بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ھازىردىن ئېتىبارەن بۇنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددى باشلىشى لازىم؛

8) د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى ۋە د ئۇ ق تەركىبىدىكى تەشكىلاتلار ئۆزلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان چەتئ‍ەللىك ژورنالىس ۋە مۇخپىرلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاساسلىق چەتئ‍ەل مەتبۇئاتلىرىدا مەخسۇس خەۋەر – ماقالىلار ۋە ئوبزورلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ھازىردىن باشلاپ ئۇلارنى تۈرلۈك ماتىرىيال مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

ئەزىز قېرىنداشلار، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز شۇنچە زور بېسىم، تەھدىت ۋە قىرغىنچىلىقلارغا پىسەنت قىلماي، پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلىۋاتىدۇ، دەھشەتلىك قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا بىز ئەركىن دۆۋلەتتە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز بىلەن بىر تەن، بىر ۋۇجۇد بولۇپ، ئۇلارنىڭ قايغۇسىغا ئورتاق بولۇشىمىز لازىم.

مىللىي غۇرورىڭىزنى، ۋىجدانىڭىزنى، ۋەتەنپەرۋەرلىكىڭىزنى ۋە ئىمانىڭىزنى سىنايدىغان پەيت كەلدى، شەھىدلىرىمىزنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ئۈچۈن ھېچقانداق باھانە – سەۋەب كۆرسەتمەي، د ئۇ ق نىڭ تەشكىللىشىدە دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا غەيرەت قىلىڭ.

​دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2018-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ​