گېرمانىيە ئاھالىسى ئوسمان تۇرسۇن: خىتاي ساقچىلىرى مېنى جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلاۋاتىدۇ

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  31-ماي

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇننىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خوتەندىكى خىتاي ساقچىلىرى ئىككى ئايدىن بېرى ئۇنى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خوتەندە لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئوغلىنى ئۆزىگە تېلېفون قىلدۇرۇپ، خىتايغا ھەمكارلىشىشقا چاقىرتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ، ئەگەر ماسلاشمىسا خوتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نابۇت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

بۇ پروگراممىمىزنى نۆۋەتتە گۇما ناھىيەسىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا يېتىۋاتقان بىر تۇتقۇننىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان دادىسىغا ئۈندىداردا قالدۇرغان سۆزى بىلەن باشلايمىز.

– دادا، بۇ مېنىڭ ساڭا ئاخىرقى قېتىم گەپ قىلىشىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى سەن مەن ئۆتكەندە دېگەن ئىشنى قىلماپسەن. يەنە بىر قېتىم ئۆتۈنۈپ سورايمەن: بىز ئۈچ بالاڭنى ئويلاپ قويغىن، مەمەتئىمىننىڭ ئۈچ بالىسى بار، مېنىڭمۇ ئۈچ، 6 نەۋرەڭنى ئويلىغىن. ھەممىمىزنىڭ ئىستىقبالى نابۇت بولۇپ كەتمىسۇن. سەن نېمىشقا قارشىلىشىسەن؟ ھۆكۈمەت ساڭا يامان گەپ قىلمايۋاتىدۇ، بۇ يەردىكى رەھبەرلەر ئويلىشىپ، بىزگىلا ئەمەس ساڭىمۇ چىقىش يولى بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. سەن بۇ يەرگە كېلىپ بالىلىرىڭ بىلەن خاتىرجەم ياشىيالايسەن. بۇ ساڭا ئاخىرقى پۇرسەت، بۇنداق پۇرسەت ساڭا ھەرگىز كەلمەيدۇ.

بۇ ئاۋاز خاتىرىسىدە خىتاب قىلىنىۋاتقان كىشى- ئوسمان تۇرسۇن‏. ئۇ، 22 يىلنىڭ ئالدىدا گېرمانىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ئانا ۋەتىنىدە كىچىك قېپقالغان 3 ئوغلى مەمەتئەلى، مەمەتئىمىن ۋە مەمەتتۇرسۇن بىلەن ئۇ 2016-يىلى تۈركىيەدە بىر قېتىم كۆرۈشكەن. ئۈچ ئوغۇل دادىسى بىلەن بىر كۆرۈشۈش ئارزۇسىغا يەتكەندىن كېيىن، نورمال تىرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇ يىلى ئانا يۇرتىغا قايتقان. بۇلتۇر ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنغاندا، بۇ ئۈچ ئوغۇل تەڭلا لاگېرغا ئەكېتىلگەن. بۇ ئاۋاز خاتىرىسىدە دادىسىغا گەپ قىلىۋاتقان كىشى ئەنە شۇ ئۈچ ئوغۇلنىڭ چوڭى مەمتئەلى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق ئاۋاز قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇش جەريانىنى دادىسى ئوسمان تۇرسۇن مۇنداق بايان قىلىدۇ:

سوئال: ئوغلىڭىزنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا بىر سۆزلىشىش بولغانلىقى مەلۇم بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: توغرا، شۇنداق. بۇ بەك ئۇزۇن جەريان، ئەڭ يېقىنقىسىنى دېسەم خىتاي ساقچىلىرى مېنى دۇبەي، ھىندونېزىيە، خوڭكوڭ ياكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىرىگە كېلىشىمنى ۋە مەن بىلەن سۆزلىشىدىغان ھەمكارلىشىدىغان ئىشى بارلىقىنى، بولمىسا خوتەندىكى بالىلىرىم ۋە نەۋرىلىرىمنىڭ زىيان زەخمەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى دېدى؛ مەن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، مېنىڭ مەمەتئېلى ئىسىملىك بۇ چوڭ ئوغلۇمنى ماڭا تېلېفون ئاچقۇزدى. ئۇ يۇقىرىقى گەپلىرىنى دەۋاتقاندا يېنىدا ساقچىلار بارلىقىنى بىلىپ قالدىم.

سوئال: قانداق بىلدىڭىز؟

جاۋاب: مەن ئوغلۇمغا تېلېفون قىلىپ، مەن خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەن يەرگە بارالمايدىغانلىقىم ۋە ئۇلار كۈتۈۋاتقان ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىمنى دېگىنىمدىن كېيىنلا، تېلېفوننى ساقچىلار قولىغا ئالدى ۋە ماڭا تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. . . .

سوئال: ساقچىلارنىڭ شۇ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقساق بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ، يوللاپ بېرەي:

خىتاي ساقچىسىنىڭ سۆزلىرى:

– ھاجىم، نېمە قىلماقچىسىلەر زادى؟ بۇ بالىلارنىمۇ نابۇت قىلماقچىمۇ؟ مەن سىلەرنى خېلى بېشىدىن ئىسسىق-سوغۇق ئۆتكەن دەپ ئويلاپتىمەن، سىلەردىكى نېمانچە قاتمال كاللا بۇ؟ قانداق قىلىدۇ بۇ يەردىكى بالىلار؟ بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلماقچىما؟ مەن ياخشى قىلاي دەپ باشلاپتىمكەن بۇ ئىشنى، ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ بۇ ئىشنىڭ! مەن ئاخىرقى قېتىم يەنە بىر دەپ قوياي: خاتالىشىۋەرمىسىلە، بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىستىقبالىنى تۈگەشتۈرىلا. مەن مۇشۇنچىلىك دەپ قوياي، كاللىلىرىنى سىلكىۋەتسىلە، ئۆزىمىز بىلەن كەتسۇن نۇرغۇن ئىشلار. ھەر ئىشنىڭ سەۋر-تاقىتى بار. مەن پوپوزا قىلىپ دەۋاتامدىمەن ياكى ئەمەلىيەتتمۇ كېيىن كۆرىلا، ئارقىسىغا يېنىۋالىدىغان ئىش بولسىغۇ مەيلىتى، كاللىلىرىنى سىلكىۋەتسسىلە! يەنە بويۇنقاتتىقلىق قىلىپ بالىلارنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويمىسىلا!!!

مەلۇم بولغىنىدەك، 22 يىلدىن بېرى گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇننىڭ خىتاي ساقچىلىرى بىلەن بولغان بۇ ماجىراسى ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ بىر جەريان. دېيىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئوسمان تۇرسۇننى ئۈندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال، يەنى بۇ يىل 2-ئايدا ئۇنىڭ لاگېردا سولىنىپ ياتقان 24 ياشلىق كەنجى ئوغلى مەمەتتۇرسۇن ئوسماننى لاگېردىن قويۇپ بېرىپ، گېرمانىيەدىكى دادىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يولغا سالغان. ۋەقەنىڭ داۋامى كېلەركى قېتىملىق پروگراممىمىزدا داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.