ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ <<ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ>> ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى  16-ماي

 

 

ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ <<ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ>> ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.

<<ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ>> ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﺩﯦﻜﻠﯩﻤﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ، ﺳﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﯞﺍﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ 3 ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﮪﺎﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭙﻘﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﻜﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. 

ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ:

1. ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ.
ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﮪﻠﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 10 ﺩﯨﻦ ﮪﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﻮﺭ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺩﯦﻜﻠﯩﻤﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﺩﯨﺮﺍﻣﻤﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﻧﻰ ﯞﯨﺪﻩﺋﻮﻏﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

2. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ.
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﯨﺪﻩﺋﻮﻏﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

3. ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺲ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ.
ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﯞﯨﺪﻩﺋﻮﻏﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

4. ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺗﯧﻜﯩﺴﺖ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺩﯦﻜﻠﯩﻤﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ، ﺳﻪﻧﻪﺕ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﺳﯜﺯﯛﻙ ﯞﯨﺪﻩﺋﻮﻏﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﯕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﮪﺎﻻﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﻪﺵ:

1. ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺘﻪﺭﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 7 ﻳﺎﻛﻰ 9 ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ <<ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﮪﺎﻻﺵ ﮔﻮﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ>> ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ.
2. ﺑﺎﮪﺎﻻﺵ ﮔﻮﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ 1 – ﺩﯨﻦ 3 – ﮔﯩﭽﻪ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ 1 – ﺩﯨﻦ 3 – ﮔﯩﭽﻪ، ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ 1 – ﺩﯨﻦ 3 – ﮔﯩﭽﻪ ﺟﻪﻣﯩﻲ 9 ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﯩﻨﻰ 3 ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
3. ﺑﺎﮪﺎﻻﺵ ﮔﻮﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﻻﺷﺘﺎ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
4. ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ 2018 – ﻳﯩﻠﻰ 11 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 – ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ <ﺩﯗﻕ.ﺗﯟ ﺩﺍ> ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
5. ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻣﯘ <ﺩﯗﻕ.ﺗﯟ> ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﺳﯘﻧﯘﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ:

ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ:

1. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ 1500 ﻳﺎﯞﺭﻭ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﯩﺪﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.
2. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ 1000 ﻳﺎﯞﺭﻭ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﯩﺪﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.
3. ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ 500 ﻳﺎﯞﺭﻭ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﯩﺪﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ( ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 4 ﻛﯩﺸﻰ):

1. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ 700 ﻳﺎﯞﺭﻭ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﯩﺪﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.
2. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ 500 ﻳﺎﯞﺭﻭ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﯩﺪﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.
3. ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ 300 ﻳﺎﯞﺭﻭ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﯩﺪﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ:

1. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺷﻪﺧﯩﺲ 500 ﻳﺎﯞﺭﻭ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﯩﺪﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.
2. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺷﻪﺧﯩﺲ 350 ﻳﺎﯞﺭﻭ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﯩﺪﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.
3. ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺷﻪﺧﯩﺲ 200 ﻳﺎﯞﺭﻭ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﯩﺪﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.

<<ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ>> ﻧﯩﯔ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ:

1. <<ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ>> ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ 2018 – ﻳﯩﻠﻰ 6 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. 2018 – ﻳﯩﻠﻰ 9 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﻻﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
2. ﺑﺎﮪﺎﻻﺵ ﮔﻮﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ 10 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﺎﮪﺎﻻﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
3. ﮪﻪﺭﺳﺎﮪﻪ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ <<ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ>> ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
4. <<ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ>> ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺩ ﺋﯘ ﻕ <<ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ>>ﻧﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﮔﻮﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ

ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﻘﯘﭼﻰ: ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﯩﺪﻯ ( ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ)

Tél: 0049/176 80583058. / É-Mail: [email protected]

*******

ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ:

ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﻰ
.

ﻗﯘﺭﺗﯘﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﯘﺩﻩﻙ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﻤﯩﺰ،
ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻱ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.

ﻗﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﮪﻪﻡ ﺟﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻕ ﺳﯧﻨﻰ،
ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺯ-ﻛﯚﺯﯗﯕﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﺪﯗﻕ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮪﯩﭻ ﻛﯩﺮﻟﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻳﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﺘﯘﺭ ﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﺎﺭﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ،
ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﮪﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻤﯩﺰ.

ﺋﺎﺗﯩﻠﻼ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﯩﺘﺮﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ،
ﺟﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺷﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺰ ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺑﯩﺰ.

ﺋﺎﺗﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯗ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ،
ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﻼﻧﺪﻯ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰ.

ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﯞﺩﯨﻦ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻣﺎﻥ،
ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﮪﯩﭻ ﺋﯚﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﻣﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ!
.

ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﺎﺭﺷﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺷﻪﻛﻠﻰ:

ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﯘﺩﻩﻙ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﻤﯩﺰ،
ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻱ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺟﯧﻨﯩﻤﯩﺰ.

ﻗﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﮪﻪﻡ ﺟﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻕ ﺳﯧﻨﻰ،
ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ – ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.

ﺋﺎﺗﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯗ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻪﺗﯩﺪﯨﻦ،
ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺑﯩﺰ.

ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﻗﺎﻥ، ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﯞﺩﯨﻦ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻣﺎﻥ،
ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﻣﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﻳﯜﺯ – ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﺪﯗﻕ،
ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﻼﻧﺪﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﺎﺭﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﯩﻤﻤﻪﺗﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ،
ﺷﺎﻧﯘ – ﺷﻪﯞﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ ﮪﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻤﯩﺰ.

ﺋﺎﺗﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯗ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻪﺗﯩﺪﯨﻦ،
ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺑﯩﺰ.

ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﻗﺎﻥ، ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﯞﺩﯨﻦ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻣﺎﻥ،
ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﻣﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﭙﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.

ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭ – ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ

2018.05.16 / ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ / ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻦ