ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ <<ﺳﻪﭘﺪﺍﺷﻼﺭ ئۇچرىشىشى>> ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى  15-ماي

ﺩ ﺋﯘ ﻕ 2018 – ﻳﯩﻠﻰ 6 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻦ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﻩ <<ﺳﻪﭘﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﯘﭼﺮﯗﺷﯩﺴﻰ>> ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﭘﺪﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺋﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ 1988 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ 15 – ﺋﯩﻴﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 30 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ 1987 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ <<ﭘﻪﻥ – ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ>>ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ 1988 – ﻳﯩﻠﻰ 6 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺯﯗﻟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ 1985 – ﻳﯩﻠﻰ 12 – ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﻻﻗﺰﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﯘﻧﯘﺵ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ <<ﭘﻪﻥ – ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ>>ﻧﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ، ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﯞﺍﺭﺱ ﺋﺎﺑﺎﺑﻪﻛﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﻮﻏﻼﻧﻐﺎﻥ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﺎﺯﺍﻻﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 88 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﯩﯔ 30 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﻚ ﺷﺎﮪﯩﺪﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ، ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﭘﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻪﻛﻠﯩﯟﯨﻨﻰ ﺳﯘﻧﯩﺪﯗ:

1. ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، 15 – ﺋﯩﻴﯘﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺭﻭﺯﺍ ﮪﯧﻴﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﭘﺪﺍﺷﻼﺭ ﺭﻭﺯﺍ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 1988 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻨﯩﯔ 30 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ،
2. ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ 6 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ <<ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﻧﺎﺗﯩﻞ ﻛﯜﻧﻰ>> ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﭘﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ،
3. 1988 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 30 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺳﯚﮪﺒﻪﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻪﺭ، ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ.

ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ 1988 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎﮪﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 2018 – ﻳﯩﻠﻰ 6 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻦ ﺷﻪﮪﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ، ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ 3 ﻛﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ 6 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﻪﭘﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﺎﻕ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﻘﯘﭼﻰ: ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﯩﺪﻯ ( ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ)

Tél: 0049/176 80583058. / E-Mail: [email protected]

ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ

ﺋﯘﭼﯘﺭ – ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ

2018 – ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﻰ